خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ناھەق جازا لاگېرىغا بەند قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىرجان قاھىرى 6-فېۋرال كۈنى لايپزىگ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بەردى.
تاھىرجان قاھىرى دادىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كۈندىن باشلاپ، دادىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان ئىدى. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ۋاتسئاپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دادىسىنىڭ ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان تاھىرجان رادىئو ۋە گېزىتلەردە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرماقتا.
ئۇنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەت سەھنىسى-گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېتنولوگىيە مۇزېيلىرىدىن بىرى بولغان لايپزىگ گراسسى ئېتنولوگىيە مۇزېيىنىڭ يىغىن زالىدۇر.
مەزكۇر دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى لايپزىگ گراسسى ئېتنولوگىيە مۇزېيى بىلەن تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان. پائالىيەت داۋامىدا تاھىرجان تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھاننو شېدلەر بىلەن سوئال جاۋاب شەكلىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق گۇناھسىز ئىنسانلار ناھەق قامالغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلارنى مىساللار بىلەن تونۇشتۇرغان.
دوكلات ئاخىرىدا بۇ قېتىمنى دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان لايپزىگ گروسسى ئېتنولوگىيە مۇزېيىنىڭ مەسئۇلى فىشېر خانىم، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھاننو شېدلەر ئەپەندى ۋە تاھىرجان قاھىرى ئەپەندىلەر ئايرىم-ئايرىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاھىرجان قاھىرى بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئەھۋالى، ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە سۆزلىگەن دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
تاھىرجان تاھىرجان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا چەتئەللەردە ئۆزىگە ئوخشاش تونۇلغان زىيالىي ئائىلىسىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچە سۈكۈت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شاپائەت تىلەش يولىدىن ۋاز كېچىپ، قولىدىن كەلگەن بارلىق ئامىللارنى قوللىنىپ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ناھەقچىلىكلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
لايپزىگ گروسسى ئېتنولوگىيە مۇزېيىنىڭ مەسئۇلى فىشېر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى چىقىش نۇقتىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئېتنولوگىيە مۇزېيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىدە ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تەڭسىزلىكلەرنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە چۈشكەن بىر بۇرچنى ئادا قىلدۇق دەپ ئويلايمەن.»
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھاننو ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىندىن ئالغان تەسىراتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
ھاننو ئەپەندى بۇندىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز جەنۋەدە ئېچىلىدىغان بۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى دوكلات قىلماقچىمىز. لاگېرلارنى تاقاش ۋە بىگۇناھ ئىنسانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلىپىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇ يىل بىز خاتىرىلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن چوڭ ۋەقەلەر بار. مەسىلەن، دالاي لامانىڭ تىبەتتىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقنىڭ 10 يىللىقى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بىز يىل ئاخىرىغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بېرىلگەن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەقدىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز.»