«تال سېۋەت» - يېزىلاردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھايات كارتىنىسى (3)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015-12-04
Share
lawalley-xanim-tal-sewet.jpg لاۋاللېي خانىم يازغان «تال سېۋەت» ناملىق روماننىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Jume


«تال سېۋەت» رومانىنىڭ ئاپتورى جوساننې لاۋاللېينىڭ قەلىمىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقى يارقىن بىر ئەدەبىي شەكىلدە يورۇتۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مېھماننى ئاچ قويماسلىقتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتىدىكى مۇشۇ يۈكسەك ئىنسانىي مۇھەببەت ۋە كەم تېپىلىدىغان ئالىيجانابلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ يۇقىرى شەرەپ ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلار مەھكۇم بولغان ئىنسانىي خورلۇق ۋە زۇلۇمنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزگىچە ئەدەبىي شەكىلدە يورۇتقان. روماندا ئاپتور خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «مېھمان» سۆزىنى كىنايىلىك شەكىلدە ئىستېمال قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ۋە بۇ مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا مېھمان تەرىقىسىدە كېلىپ، بۇ يېڭى ئۆي كەبى كەڭ ماكاندىن قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمايۋاتقان خىتايلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېچقانداق پەردازلىماستىن ئۇدۇللا يازغان. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى تەسۋىرلىگەندە ئەسەردىكى باش قەھرىمان مېھرىگۈلنىڭ ئاكىسى مۇھەممەدنىڭ پات - پات ئېيتىپ قويىدىغان ناخشىسىدىن پارچىلار بېرىدۇ:

چۈشۈرمىدىم تۆردىن ھېچقاچان،
ھەم يېگۈزدۈم تويۇپ يانغۇچە،
باغ - ۋاراندا ئويناتتىم، كۈتتۈم،
ئۇ يايرىدى كۆڭلى قانغۇچە.

قورساق سېلىپ سەمرىپمۇ كەتتى،
پولۇ، گۆش يەپ بىزنىڭ لېگەندىن،
لېكىن مېھمان تەۋرىمەس يەنە،
ئېغىز ئاچماس قايتىش دېگەندىن.

ھالبۇكى، مۇشۇ ماكاندىكى «ئۆي» ئىگىلىرىدىن بولغان مېھرىگۈل مۇشۇ خىتاي «مېھمانلار» نىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن خوتەندىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بىر - بىرلەپ ئىگىلىۋالغانلىقىنى، ئاكىسى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىدىن بولۇپ بىرەر يۈزدەك ياشنىڭ مۇشۇ خىلدىكى يەر ئىگىلىۋېلىشقا قارشىلىق كۆرسىتىپ تىنچ شەكىلدىكى نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. كېيىنچە ئاكىسى ئۇنىڭغا نامايىشچى ئامما شەھەر مەركىزىگە ماڭغاندا قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئاممىغا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوق ئاتقانلىقىنى ۋە يىگىرمە كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئاشۇ بىر قاتار قىسمەتلەر سەۋەبىدىن ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئاكىسى مۇھەممەدنىڭ ئاۋۋال قەشقەرگە، كېيىن ئۇ جايدىمۇ تۇرالماي تاغ ئاتلاپ قىرغىزىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاش ئېتىلىپ كېتىش ياكى قاراڭغۇ تۈرمىگە مەھكۇم بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان شادىمانلىق مېھرىگۈلنىڭ غۇبارسىز رۇخسارىغا كەمدىن - كەم كۆرۈلىدىغان تەنتەنە ۋە شاتلىق ئاتا قىلىدۇ.

ئەمما بۇ شاتلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يەنە بىر تەشۋىش ئۇنى ئارامخۇدا ئولتۇرغۇزمايدۇ: ئامېرىكىلىق چېيزىن خانىم كېلىدىغانغا بىرنەچچە كۈنلا قالغان بولۇپ، مېھرىگۈل توقۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان سېۋەتلەرنىڭ تېخى بەرسىمۇ پۈتمىگەن ئىدى. دادىسى مېھرىگۈلنىڭ سېۋەت توقۇشىغا قارشى تۇرىدۇ، ئۇنى ئەخمەق بولماسلىققا ئۈندەيدۇ. شۇنداقلا خوتەندە كەڭ تارقالغان، مېھرىگۈل كىچىكىدىن ئاڭلاپ يادقا بولۇپ كەتكەن خەلق قوشاقلىرىدىن بىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ ئۇنى ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل قويۇشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن مېھرىگۈل تال سېۋەتنى توقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ مىڭ جاپادا توقۇغان سېۋىتىنى قىمارۋاز دادىسى مازار سەيلىسى بولغان جايدىكى بازاردا سېتىۋېتىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا مېھرىگۈلنى باشتىن - ئاخىر قوللاپ كەلگەن بوۋىسى يەنە بىر قېتىم مەيدانغا چىقىپ، نەۋرىسىگە قومۇشتىن سېۋەت توقۇشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېھرىگۈل ئامېرىكىلىق ساياھەتچى ئايالغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بوۋىسىنىڭ ياردىمىدە مېھرىگۈل قايتىدىن سېۋەت توقۇشقا كىرىشىدۇ.

ئاپتورنىڭ قەلىمىدىكى «چوڭ ئاتا» ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەرلىك جاسارىتىنىڭ يارقىن ئۈلگىسى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەرلەرگە خاس پاراسەت، سالماقلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مۇجەسسەملەنگەن. ئەمما مېھرىگۈلنىڭ دادىسى بولسا دوستلىرى بىلەن جەم بولغان سورۇندا ئۆزىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىدىكى مەردلىكى ئارقىلىق ئەرلىك غۇرۇرىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە ئادەتلەنگەن ساددا دېھقان. مېھرىگۈل ئۆزى ناھايىتى تەستە توقۇغان تال سېۋەتنى دادىسى ئوغرىلىقچە سېتىۋەتكەندە ئانىسىنىڭ «دادىڭىزنىڭ كۆڭلىدە يامانلىق يوق. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئۇنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان» دەپ مېھرىگۈلنى بەزلىگەنلىكى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر دەل مۇشۇ نۇقتىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى. ئاپتور ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى مۇشۇ خىل ئەركەكلىك روھى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

—يەنە ئېيتسام يەنە شۇنى دېگۈم كېلىدۇ: بىز كۆرگەن ھېلىقى سېۋەت توقۇغان بوۋاي ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ شەخس، يەنى، مېھرىگۈلنىڭ بوۋىسىنىڭ روماندىكى ئوبرازىنىڭ ئەسلى مەنبەسى. بوۋاي تولىمۇ نامرات ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزىگە خاس غۇرۇر ۋە ئىشەنچ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بوۋاي يەنە كېلىپ ياشىنىپ قالغان كىشى ئىدى، شۇنداقلا ئۆينىڭ ئالدىدىكى لايدىلا ئولتۇرغان بولۇپ، ئايىغىنى سېلىپ تاشلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ پۇتىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان سېۋىتىنى توقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىزگە ئۆزىنىڭ سوۋغىسىنى بېرىشنى ئۇنتۇمىدى. بۇ خىلدىكى يۈكسەك ئالىيجانابلىقنى كۆرۈپ، بىز بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. پەقەت تۇيغۇلىرىمىزلا ئۆز - ئارا سۆزلەشتى، ئەمما بىز سۆزلەشمىدۇق. ئەنە شۇ تەرىقىدە مەن ئەركەكلىك ۋە پاراسەتكە ئەگىشىدىغان بۇ جەمئىيەتتە ئاشۇ بوۋايدەك كىشىلەرنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

ئاخىرى مېھرىبان «چوڭ ئاتا» نىڭ ياردىمى بىلەن مېھرىگۈل سېۋەتنى توقۇپ چىقىدۇ. شۇنداقلا بازاردا ئۆزى زارىقىپ كۈتكەن ئامېرىكىلىق چېيزىن خانىم پەيدا بولغاندا مېھرىگۈل زىممىسىدىن بىر تاغ يەڭگىللىگەندەك ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ: ئامېرىكىلىق ساياھەتچى چېيزىن خانىم ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى دۇكىنى ئۈچۈن سېتىۋالغان ئۇيغۇر قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارىدا مېھرىگۈلنىڭ سېۋەتلىرىگە ئىككى مىڭ سوم ھەق بېرىدۇ. ئەمدى مېھرىگۈل «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» بولۇپ ئىچكىرىدىكى خىتاي زاۋۇتىغا ئىشلەمچىلىككە بارمايدۇ، شۇنداقلا مېھرىگۈلنىڭ مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسى ئاخىرى ئىشقا ئاشىدۇ. ئەمدى ئۇ مېھمانخانىلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناش بەدىلىگە پۇل تاپىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئوخشاش ۋىجدان ئازابىغا قالىدىغان يولغا مېڭىشقا مەجبۇرلانمايدۇ. بەلكى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ كۆپ خىل تىللارنى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە خوتەندىكى مۇزېيدا ئىشلەشتەك ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ مۇزېيدا ئىشلىسە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مۇشۇ يەردە قالغان تەۋەررۈك ئىزلىرىنى، شانلىق «يىپەك يولى» گۈللەپ ياشنىغان مەزگىللەردىكى تۆگىلەرنىڭ كولدۇرما سادالىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئۆتمۈش زاماننىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرىنى زىيارەتچىلەرگە بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ.

يېڭىدىن ئۈمىدلەنگەن مېھرىگۈل سىڭلىسى لەيلىنىڭ خىتايچىلاپ «ئۇ ئايالغا سېنىڭ مايماق سېۋىتىڭ ياراپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا «بۈگۈن ئۇيغۇرچە سۆزلەيلىچۇ؟» دەپ سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. شۇنداقلا دادىسىغا «يۇمران يۈرىكىمىز روھىمىزغا ئاسىيلىق قىلمىسۇن!» دەپ خىتاب قىلىدۇ ھەمدە ئاكىسىدىن قالغان راۋابنى دادىسىغا تەڭلەيدۇ. كۆزلىرى نەملەشكەن ئاتا ئوغلى كۆپ چالىدىغان پەدىلەرگە ئەمەس، بەلكى باشقا بىر پەدىگە چالىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىسىنى مېھرىگۈل پىچىرلاپ تەكرارلايدۇ:

تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋر ئالدىدا،
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
ئاخىرى تەڭ بولۇرمىز قەبرە ئالدىدا.

ئاپتور روماننىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، تاغلارنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرغان چۆللۈكنىڭ گىرۋىكىدىكى مۇشۇ ئانا زېمىندا مېھرىگۈل ھەممىگە ئاڭلانغۇدەك بىر ناخشا ئېيتار ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت