«تال سېۋەت» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى جوساننې لاۋاللېي روماننى يېزىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەكلىماكان بوستانلىقلىرىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ۋە كېيىنچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ھېس قىلغانلىرى ئاساسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تەكلىماكان چۆلىنىڭ بويىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتلىق شەكلى، بولۇپمۇ خوتەن شەھىرىنىڭ سەھرالىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆتكەنكى بىرنەچچە ئەسىردىن زامانىمىزغا قەدەر ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە، دېھقانلار ئۆزلىرىنى ئاچ قويماسلىق ئۈچۈن، شۇنداقلا يېزا بازىرىدا سېتىپ ئاز - تولا كىرىم قىلىش ئۈچۈن زىرائەت تېرىيدۇ، شۇنداقلا قوي ۋە توخۇ باقىدۇ؛ قول ھۈنەرۋەنلەر ئۆيلىرىدە ياكى كاسىپخانىلىرىدا گىلەم ياكى ئەتلەس توقۇيدۇ، سېۋەتمۇتوقۇيدۇ، ياغاچتىن نەقىشلىك ئاپقۇرلارنى ياسايدۇ. بۇ ماكاندا ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سانى ماشىنىدىن كۆپ. بۇ جايدا سۇ تولىمۇ قىممەتلىك بولغاچقا مىسقاللاپ دېگۈدەك ئىشلىتىلىدۇ.» ئاپتورنىڭ خوتەندە بىۋاستە ھېس قىلغان مۇشۇ خىلدىكى تۇرمۇش تەسىراتلىرى دەل «تال سېۋەت» رومانىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىدا ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ خىزمەت قىلغان، شۇنداقلا ئاپتور مۇشۇ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكنى روماننىڭ ئۇششاق دېتاللىرىغا سىڭدۈرىۋەتكەن. ئاشۇنداق غۇربەتكە تولغان ماكاندا ساياھەتتە بولۇش جەريانىدا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي جەھەتتىن نامرات بولسىمۇ، ھاياتنى سۆيۈش، ئاق كۆڭۈل بولۇش، گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىشتەك ئىنسانىي تەبىئىتىنى يوقاتمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ ئاق كۆڭۈللۈكىنى ۋە بۇنىڭغا سىڭىشكەن مەنىۋىيەتتىكى پۈتمەس - تۈگىمەس گۈزەللىكىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالايدۇ.
«مېنىڭ ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، ئۇ يەردىكى بىز ئۇچراشقان خەلق ناھايىتى قىزغىن ۋە ئاق كۆڭۈل، شۇنداقلا باغرى ئوچۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدە ھېچقانچە نەرسە بولمىسىمۇ، قولىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ، يەنە كېلىپ كۆرۈنۈشكە ئەمەس، راستىنلا شۇنداق قىلىدۇ. بىز ئۇ چاغدا بىرنەچچە ساياھەتچى ۋە ساياھەت گۇرۇپپىمىزنىڭ تەرجىمانى بىلەن بىللە ئىدۇق. ئەمىلىيەتتە بىز ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس ئىدۇق. مەن ئۆزۈم يېزىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە ئاشۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاشۇ خىلۋەت ماكاندىكى كىشىلەر بىلەن قانداقتۇر بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەندەك، ئاشۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. شۇ ۋاقىتتا مېنى ھەممىدىن بەكرەك مەپتۇن قىلغان نەرسە شۇ بولدىكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدىنىيىتى نازاكەتكە ۋە قىزغىنلىققا تولغان ئىكەن.
ھە راست، شۇ ۋاقىتتا تولىمۇ تەسىرلىك يەنە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. بىز خوتەننىڭ سىرتىدىكى جايلارنى كۆرۈپ، بارغانسېرى بىر بىرىدىن خىلۋەت يېزىلارغا كېتىپ قاپتىمىز. بىر چاغدا بىز ئولتۇرغان ماشىنىنى ساقچىلار توستى. ئۇلار بىزگە ئالدىمىزدىكى جايدا بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ھەمدە بىزنىڭ ئۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىشىمىزغا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بىزنى شۇ يەردىكى ساقچىخانىغا ئەپكېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ چاغدا بىزگە تەرجىمان بولغان يىگىت ساقچىلاردىن بىرنى تونۇپ قالدى. ئەسلىدە ئۇلار بىر شەھەردە چوڭ بولغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقچى بىزگە ئىشىنىپ قويۇۋەتتى. بولمىسا بىز ساياھىتىمىزنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمايتتۇق.
ئىشقىلىپ شۇ قېتىملىق ساياھەت ئارقىلىق خوتەندىكى ئاشۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر شارائىتتا ۋە تۈزۈم ئاستىدا ھايات كەچۈرىدىغانلىقى ماڭا ئايان بولدى. ئەمما ئاددىي بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار مېنىڭ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئالدى، ئۇلارغا قاراپ مېنىڭ كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئامېرىكىدىكى ياشلارغا ۋە بالىلارغا ئاشۇ خەلقنى، ئۇلارنىڭ مەدىنيىتىنى ۋە ئۇ جايدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. شۇنداقلا بۇنى ئۆزۈمگە نىشان قىلدىم.»
ئاپتور تىلغا ئالغان ئاشۇ خىلدىكى سەبىي خاراكتېرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۇرگەن باش قەھرىمان مېھرىگۈل ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مەكتەپكە بېرىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، كەنتتىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى»نى ئىچكىرىگە يۆتكەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇۋاتقان يېزا كادىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بېيجىڭدىن، ئاندىن ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان ئالاقىدار بۇيرۇقلارنىڭ روھى بويىچە، يېزا كادىرلىرى ھەرقايسى كەنتلەردىكى شۇ يېزىنىڭ ئەمەلىي تېرىقچىلىق ئېھتىياجىدىن ئارتۇقچە دەپ ھېسابلانغان نۇرغۇن ساندىكى دېھقان ياشلارنى بىر تۇتاش ئىچكىرىگە يۆتكەپ شۇ جايلاردىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە تىزىملاشقا باشلايدۇ. بۇ خىلدىكى سىياسەتنىڭ روھى بويىچە، يېزا كادىرلىرى بۇ ئەھۋالنى شۇ جايدىكى ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىلىرىگە «بالاڭلار ئىچكىرىگە بېرىپ زاۋۇتتا ئىشلىسە دېھقانچىلىق قىلغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ پۇل تاپالايدۇ، بۇنىڭدا ھەم چوڭ شەھەرلەرنى كۆرىدۇ ھەم يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
لېكىن، ئاپتورنىڭ روماندىكى بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئازراقلا قول - ئىلكىدە بار دېھقانلار، شۇنداقلا يېزا كادىرلىرىنىڭ تونۇش - بىلىش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى دېگەنلەر ئالاقىدار يېزا مەسئۇللىرىغا ئاز - تولا پارا بېرىش ئارقىلىق ئۆز پەرزەندىنىڭ ئىچكىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىدىغان ياشلارنىڭ تىزىملىكىگە يېزىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جۈملىدىن باش قەھرىمان مېھرىگۈلنىڭ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىدىن ھاجىنىسا دەل ئەنە شۇنداق يېزا كادىرلىرىدىن بىرىنىڭ قىزى. ئۇ مېھرىگۈلنىڭ ياغلىق چىگىۋالغانلىقىنى مازاق قىلىدۇ، يەنە كېلىپ ياغلىقنى ئېڭىكى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ چىگىۋالغانلىقىنى «دېھقانلارغا ئوخشاپ قېلىشنى ھار ئالماسلىق» دەپ ئۇنى يۈزىدىن يۈزىگە ھاقارەتلەيدۇ. ئەمما ئۆزى «ئىچكىرىگە بېرىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش»نى خالىمايدۇ. يەنەمېھرىگۈلگە «ئىچكىرىگە بارمىساڭ جەرىمانىنى تۆلىيەلمەيسەن» دەپ ئازار بېرىدۇ. ئاپتور شۇ ۋاقىتتا مېھرىگۈلنىڭ يېزا بازىرىدىن ئالغان پىششىق تۇخۇمنى ئاقلاپ، تۇخۇم شاكىلىنى ئاتىسىنىڭ تال سېۋىتىگە تاشلىغانلىقى، ئەمما ھاجىسنىسانىڭ بولسا مېھرىگۈلنىڭ قىلغىنىنى مازاق قىلىپ، ئۆزى سويغان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى پىرقىرىتىپ چوڭ يولغا ئاتقانلىقىدەك كىچىككىنە بىر دېتالنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، مېھرىگۈلدەك بىر نامرات دېھقان قىزىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە مۇھىتنى ئاسراشتەك بىر مەنىۋى گۈزەللىكنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ئاپتورنىڭ تەسۋىرىدە «ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ قۇللۇققا مەھكۇم قىلىش» دەپ ئاتالغان بۇ خىلدىكى سىياسەتنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئەھۋاللاردىن ياخشى خەۋىرى بار مۇھەممەد سىڭلىسىغا بۇنىڭدىن خېلى ۋاقىت ئىلگىرىلا بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلىپ ئۈلگۈرگەن، ئەگەر دادىسى ئۇنى كەنتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك ئىچكىرىگە ئەۋەتىشكە زورلىسا رەت قىلىشنى ئېيتقان بولۇپ، مېھرىگۈل بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئاكىسى ئۈندىمىگەن ئىدى. ئەمما مېھرىگۈل كېيىنكى ۋاقىتتا يېزىدىكى ئاياللارنىڭ پاراڭلىرىدىن ئىچكىرىگە ئەۋەتىلگەن قىزلارنىڭ يېنىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدە خوتۇن كەملىكىدىن ئۆيلىنەلمىگەن خىتاي بويتاقلىرىغا خوتۇن بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەت مېھرىگۈل ئۈچۈن ئىچكىرىگە ئەۋەتىلىپ قايتىپ كېلەلمەسلىكتىنمۇ دەھشەت بولۇپ تۇيۇلىدۇ. شۇ چاغدا ئاكىسىنىڭ پات - پات ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىدىغان تونۇش ناخشىسى قۇلاق تۈۋىدە قايتا جاراڭلىغاندەك بولىدۇ.
ناخشا :
تېخى ئويناپ يۈرەتتىڭ قونچاقلىرىڭنى،
سەبىي كۈلكەڭ قوزغار ئىدى ئامراقلىقىمنى.
نە قىسمەت بۇ، يەتمەي تۇرۇپ نەۋباھارىڭغا،
بالدۇر كەلگەن كەچكۈز تۆكتى ياپراقلىرىڭنى.
ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىرنەچچە يېزا كادىرلىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى تېپىش ۋە تىزىملاشقا مەسئۇل بولىدۇ. شۇلار قاتارىدىكى يېزا كادىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئايالى مېھرىگۈلنىڭ بازاردا سېۋەت سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى تىزىملىككە يېزىپ قويىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇ مەكتەپكە بارمىغاندىكىن، بۇنداق قىلىشنىڭ مېھرىگۈل ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مېھرىگۈل ئۆز يېزىسىدىكى ئۆزىگە كىچىكىدىنلا تونۇشلۇق بولغان بۇ ئايالغا تۇنجى قېتىم ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇغان ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ بىلەن تىكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىدىن قانچىلىك توقۇيالىسا شۇنچىلىك ساندا تال سېۋەت توقۇپ بېرىشنى سورىغان ئامېرىكىلىق ساياھەتچى ئايالنىڭ تېزرەك كېلىپ ئۆز سېۋەتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى، شۇ پۇل ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋېلىشنى ۋە داۋاملىق مەكتەپتە ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.
0:00 / 0:00