تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ بېشىدا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرنەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنكاس قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەركىن ئاسىيا رادئوسى قاتارلىقلاردا بايانات بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن 5 - ئاينىڭ بېشىدا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى، ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇربىز تورى قاتارلىقلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 8 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ئالار شەھىرىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئەھۋالنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ساقچىلار بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى كۆرسەتمەستىن ئېلىپ كەتكەن ھەمدە 8 - مايغا قەدەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئاينىڭ بېشىدا تارىم ئۇنىۋېرسىتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھازىرغىچە، كومپىيوتۇر كەسپى سىنىپىنىڭ 2011 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى يېڭىسارلىق ئالىمجان، 2008 - يىلى بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان خوتەن لوپ ناھىيىسىدىن كەلگەن دىلشات قاتارلىق ئىككى نەپىرىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇلار 2 - ماي كۈنى تۇتۇپ كىتىلگەن.

دىلشات رىشىت يەنە، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرغا قەدەر 8 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل نورۇز مەزگىلىدە مەكتەپتە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئەينى چاغدا مەكتەپ دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە كوللىكتىپ ھالدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا يېقىندا ئارال شەھىرىدىن ئىبراھىم ئىسىملىك بىرەيلەن «چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ كىشى بۇ ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاشپۇزۇلنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولغىنى ئۈچۈن، ئاشپۇزۇلدا ئىشلەۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىبراھىمغا چېتىلىپ گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

رادىئومىز تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئارال شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى بۇ ئىشنى ساقچىخانىدىن سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئالار شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەردىن 5 - ئاينىڭ بېشىدا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 23 - ئاپرېل كۈنى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ساقچىلار ۋە كادىرلاردىن 15 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، تەقىپ قىلىش كۈچەيتىلگەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىدا ئەينى چاغدا ۋەقەدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 6 كىشىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، گۇماندارلاردىن 21 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار دائىرىلەر تۇتقۇن قىلغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.