ئۆتكەن ھەپتە تايلاندتىكى ئىبادەتخانا ھۇجۇمغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارىنىڭ تەرجىمانىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ تۇتۇلۇپ 4-كۈنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. بىز بۈگۈن مەزكۇر تەرجىمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.
سىراجىدىن ئاتاغوجا باھادىروف رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر گۇماندار مىرئەلى يۈسۈپ ۋە ئادام قاراداغقا تەرجىمانلىق قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي ساقچىلارنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم قارا داغ ۋە مىرئەلى يۈسۈپنىڭ 17-مايدىكى سوتىدىن بىر كۈن كېيىن، پۇقراچە كىيىنگەن بىر نەچچە كىشى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرغان ۋە ئۇنىڭغا تەرجىمانلىقتىن ۋاز كېچىش ھەققىدە تەھدىت سالغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ «زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ يۈردى» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى 3-ئىيۇن يەنى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن كېپىللىككە قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سىراجىدىن ئۆزىنىڭ 4-ئىيۇن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئەركىن بولالمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.