تۈركىيەدە بۇ يىل قۇربان ھېيتى نامىزى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوقۇلدى. بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى تۈركىيە «TV1» تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ ئەپەندى ئەتىگەنلىك پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە قەيسەرىگە بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇتتى.
بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ژۇرنالىست نەجمەتتىن چۇخاداروغلۇ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ «TV1» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق تۈركلەرگە يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ ساندىكى تۈركلەرنىڭ، بولۇپمۇ قەيسەرى خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە 50 نەچچە يىل بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە ئوپچى ھالدا ئۆيمۇ-ئۆي پەتىلىگەنلىكى ۋە ئۆزئارا ھېيتلىشىش ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق توپلىشىپ ھېيتلىشىش، ھېيتتىكى مېھمان كۈتۈش، بىر-بىرىنى يوقلاش ۋە باشقا ئادەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق بىلگەن تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئالاھىدە قىزىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ئىمىن قارىم ۋە فارۇق ئەپەندىلەر بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
قەيسەرىدىكى بەلسىن دۆلەت قورۇسىدا ياشاۋاتقان ئىمىن قارى ئۆزىنىڭ ھېيت تەسىراتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، قەيسەرىدە ئۇيغۇر ھېيت ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تېلېۋىزىيىدە تونۇشتۇرۇلغانلىقى شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ مۇنداق توپلىشىپ ھېيتلاشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر مەھەللىدە ياشاۋاتقان فارۇق ئەپەندىمۇ قۇربان ھېيتتا ئۆز يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرىنى سېغىنغانلىقى ۋە باشقا تەسىراتلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ھازىر ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان مەھەللە. يەنە بىرى بولسا 2013-2014-يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق بەلسىن دۆلەت قورۇسىدۇر. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىر 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئېتنوگرافىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار تىل، تارىخ، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كۆپ ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېيت-بايرام ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدە مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشلارمۇ كۆپەيگەن ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.
0:00 / 0:00