د ئۇ ق 5-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ باڭكوك مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىدە يېتىۋاتقان 6 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇن ۋە «ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى» گە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
د ئۇ ق نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار 29-فېۋرال باڭكوك كۆچمەنلەر يىغىۋېلىش مەركىزىدىكى ئۆمەر ئوسمان، مۇھەممەت يۈسۈپ، ئېلى مۇھەممەت، ئابلىكىم، ئابدۇئېزىز قاتارلىق 6 ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
د ئۇ ق يارىدارلارنىڭ بىرىنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۇرۇش ۋەقەسى دەل شۇ باڭكوك كۆچمەنلەرنى يىغىۋېلىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېدەل ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەنلەر مەركىزىدىكى باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا پارتلاپ، ئۇنىڭغا ساقچىلار ئارىلاشقان.
دولقۇن ئەيسا: «ئۇ يەردە 6 بالا باشقا مىللەتلەردىن بولغانلار بىلەن بىللە شۇ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىكى يوغان بىر زالغا سولانغان ئوخشايدۇ. 20-30 ئادەم بىر يەردە تۇرىدىغان گەپكەن. بىر تېلېۋىزور بار ئوخشايدۇ. باشقا مىللەتلەر سېرىق تېلېۋىزور كۆرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىلار بۇنى كۆرسەڭ بولمايدۇ، بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمە، دەپ ئۇلارغا تەۋسىيەلەرنى قىلغان. ئەمما ئۇلار، سېنىڭ نېمە چاتىقىڭ، دەپ ئۇلارنى ئۇرغان ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جېدەل چىقىپ ساقچىلار كىرگەن. ھەر ھالدا بىزنىڭ بالىلار تىل بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار كۆپ سانلىق بولغاچقا، ساقچىلار ئۇ بالىلارنى قارىلىغان بولسا كېرەك، سەن چاتاق چىقاردىڭ دەپ، بۇلارنى رېزىنكە كالتەك، ياغاچ كالتەكلەر بىلەن ئۇرغان ئىكەن، جىنايەتچىلەر تۇتۇپ بەرگەن، ساقچىلار ئۇرۇپتۇ.» دېدى.
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىسى بېشىدىن يارىلانغان، قالغان 4 نەپىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىملەنگەن. يارىدار ئۇيغۇرلار دوختۇرخانىغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار رەت قىلغان.
دولقۇن ئەيسا، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ بىزنىڭ ئەندىشىمىزنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دېدى.
دولقۇن ئەيسا: «ئۇ يەرلەردە بىر مەلۇماتقا قارىغاندا 58، يەنە بىر مەلۇماتقا قارىغاندا 60 ئۇيغۇر بار. باڭكوكتىكى مەركىزى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 27 كىشى بار ئىكەن. قالغانلار يەنە باشقا يەرلەردە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر ئېنىق بولماي تۇرۇۋاتىدۇ. بىزمۇ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى بىلەن بۇ مەسىلىنى بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەن بولدۇق. د ئۇ ق نىڭ باشقا رەھبەرلىرى تۈرك ھۆكۈمىتى بىلەن، رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇلارنى چاققانراق يۆتكەپ كېتىش ھەققىدە سۆھبەتلەر بولۇۋاتىدۇ. تېخى ئېنىق بىر نېمە يوق، ئەمما ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا بولغان پوزىتسىيەسى ناچارلىشىپ كەتكەن» دەپ كۆرسەتتى.
بىز باڭكوك كۆچمەنلەرنى يىغىۋېلىش مەركىزىگە، تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى 2014، 2015-يىلى تۈركىيە، خىتاي ۋە تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك دىپلوماتىك مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائەت پىكرى مۇساپىرلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ قېچىشىنى توختىتىش نىيىتى بولسا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا نيۇ-يوركتىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ «دۆلەت باشقۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتى» دەيدۇ.
شيا مىڭ: «بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى نوقۇل مىللىي مەسىلە بولغان بولسا، بۇنى ناھايىتى ئاسان ھەل قىلغىلى بولاتتى. شىنجاڭدا نۇرغۇن خىتاي بار، خىتايلار كەتسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ. بولمىسا شىنجاڭدىكى پۈتۈن خىتايلارنى بىر شەھەرگە توپلىسا، مەسىلەن، ئۈرۈمچىگە توپلاپ ئۇنى مەخسۇس خىتايلار ئولتۇرۇشلۇق شەھەر قىلسىلا مەسىلە ھەل بولىدىغۇ؟ لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇ ئەمەس، يەنى مەسىلە نوقۇل مىللىي مەسىلە ئەمەس. مەسىلە بۇ يەردىكى دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدۇر.» دېدى.
پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي ئامىل ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مەدەنىيەت، دىن، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بېسىمى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق ئامىل.
ئۇ، بۇ خىل بېسىم ئۇيغۇرلارنى پاناھلىق ئىزدەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي سەۋەب بىر ئامىل، بىراق بۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. ئېھتىمال بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش يولى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلدى، دېگىلى بولمايدۇ. بىر ئاز تىرىشسا يەنىلا ئۇلارغا بەزى قاناللار ئوچۇق. ئەمما ئەڭ زور توسالغۇ باشقا جەھەتلەردىكى مەسىلەن، مىللىي، دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى مەسىلىلەردە.
ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللىق تارىخىدا ئۆزىنىڭ خاس مەدەنىيەت، ئېتىقاد سىستېمىسىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىدىن تارتىپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى ئادەتلىرى خىتايلارغا پەقەت ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ ساھە ھازىر خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بولسۇن ياكى دۆلەت سىياسىتىنىڭ بولسۇن غايەت زور بېسىمىغا ئۇچراپ، ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل قۇتۇلۇش يوللىرىنى سىناپ كۆرۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ.»
دولقۇن ئەيسا، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋال داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باڭكوك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشى «قايغۇ ۋە ئەندىشىلىرىمىزنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دېدى.
دولقۇن ئەيسا: «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى مۈجمەل. تۈرك ھۆكۈمىتى بۇلارنى بىز ئالىمىز، دەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسۇن، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بولسۇن ئىپادىلىرىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى بۇلارنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە ئىجابىي قەدەم باسمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ نېمىلىكىنى دېمەيۋاتىدۇ.
بىز مۇناسىۋەتلىك يەرلەردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە تىرىشتۇق، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە نېمە ئۈچۈن بۇلارنى تۈركىيە بىز ئالىمىز دېگەندە بەرمەيدۇ. بۇ يەردە قانداق ئويۇنلار بار، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى نېمىشقا ئارقىغا كېچىكتۈرىدۇ، نېمىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇنىڭدا ئېنىق بىر نەرسە يوق. بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا قايغۇ ۋە ئەندىشىلىرىمىز بار» دەپ كۆرسەتتى.
تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىدا قېلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنى «رەنجىتىپ قويماسلىق» يولىنى تۇتقان. ئۇ 2015-يىلى 8-ئايدا 180 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۈركىيەگە يولغا سېلىپ، ئارقىدىنلا 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.