2014- يىلى مارتتا ئۆزلىرىنى تۈرك ئاتىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ۋە «چېگرادىن قانۇنسىز كېرىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بىز بۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تايلاندقا سەپەر قىلغان ئىدۇق.
ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلار خىتايدىن تايلاندقا قانداق يوللار بىلەن كەلدى، ئۇلار قەيەرگە بارماقچى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە باشقىلار ھەر خىل نۇقتىدا شەرھلەشكە تىرىشماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 15- مايدىكى سانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي ئىچىدىكى دىنىي ھېسسىياتى ئۈستۈن كىشىلەر خىتاينىڭ يۈننەن، گۇاڭشى قاتارلىق رايونلىرىدىكى چېگرادىن «قانۇنسىز ئۆتۈپ، يەرلىك باشلىقلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن» شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە بارىدىكەن ۋە «تۈركىيەدىكى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى› ئەزالىرى ئۇلارغا ساختا كىملىك بېجىرىپ بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەگە» بارىدىكەن. ئۇلار تۈركىيەگە بارغاندىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى» «جىھاد قىلىش ئىرادىسى چىڭ كىشىلەرنى تاللاپ» سۈرىيەگە ئۇرۇشقا ئەۋەتىدىكەن. ئۇلار سۈرىيەدە ئىككى ئۇچ ئاي جەڭگە قاتناشقاندىن كېيىن يەنە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدىكەن.
يۇقىرىقىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا خالاس.
بىز ھازىر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانداق يوللار ئارقىلىق تايلاندقا قەدەر كەلگەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ، ئەمما بىز سۆزلەشكەن ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا ئۇنىڭ خىتايدىن قېچىش سەپىرىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان ئەمەس.
شەيخۇل ئىسلام پىتاكۇمپول ئەپەندىم: ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس
شەيخۇل ئىسلام ئەزىز پىتاكۇمپول ئەپەندىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ خىتاينى تەرك ئېتىپ مۇساپىرلىق سەپىرىنى تاللىغان ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلار دەپ قارىلايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، ئۇلار ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتقاندا كىشىلەر. مەن خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنىشىغا يول بېرىشكە چاقىرىمەن.
يۇقىرىقى ئۇيغۇر ياشنىڭ تۈرمە ئىچىدە تۇرۇپ بىزگە ئېيتقانلىرىغا قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ ئاداققى مەقسىتى قانداقتۇر خىتاي ئېيتقاندەك «سۈرىيەگە بېرىپ جىھاد قىلىش» ئەمەس، بەلكى تۈركىيەگە يەرلىشىپ ئىنساندەك ياشاش ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشتىنلا ئىبارەت.
تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق
بۇ ئۇيغۇرلار تايلاندتا قاپسىلىپ قالغان بىر يىل جەريانىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلارنىڭ ھالىغا ئەڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
بۇ ئىشتىن تولۇق خەۋەردار، ئەمما ئۆزنى مەخپىي تۇتقان تايلاندتا تۇرۇشلۇق تۈرك دىپلوماتى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئەمدى قارار بېرىش نۆۋىتىنىڭ تايلاندقا كەلگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىكى مەيدانى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، تۈركىيەگە يەرلەشمىگىچە بۇ ئىشنىڭ پېشىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتە توختالغان چالىدا خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە كەلگەندە بۇ يەرگە چوڭ بىر مەسىلە بار. بۇ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مەسىلە. ھەر ئىككىلا دۆلەت بۇلارنى ئۆز پۇقرايىمىز، دەپ تەلەپ قىلدى. شۇڭا بۇ ھەقتە قارار بېرىش تايلاند ھۆكۈمىتىگە بەك تەس بولۇۋاتىدۇ.»
ئىلگىرى تايلاندتىكى قاماقخانىلاردا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئەركىنلىك ئىزدەپ بۇ سەپەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى.
ھالبۇكى، ئەركىنلىك ئىزدەپ يولغا چىقىشقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندتا كەلگەندە ئەركى بوغۇلغان، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆلۈم-يېتىم قايغۇلىرىمۇ، تۇغۇش-تۇغۇلۇش خۇشاللىقلىرىمۇ كەچكەن. تۇتقۇنلۇق ھاياتىدا ھالال بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى يەنە قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.