تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن يېقىندا سوڭكۇلۇ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق تايلانددىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلالمىغان.
تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چالىدا خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تايلاندنىڭ سوڭكۇلۇ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چالىدا خانىم تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا تىل مەسىلىسىدە ساقچى دائىرلىرىنىڭ پەقەتلا ئۆزلىرى بەلگىلىگەن تەرجىمانلار ئارقىلىق ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى شەرت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە 2015-يىلى 109 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن تايلاندتا قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سوڭكۇلۇ ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم كىچىك تۈرمىلەرگە ئايرىم -ئايرىم ھالدا قامالغانلىقىن، ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چالىدا خانىم:« تۈرمىدىكى كىشى كېسەلگە گىرىپتار بولسا ئۇنى تېزدىن قويۇپ بېرىش كېرەكلىكى تايلاند قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن، شۇڭا ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ ،بىراق تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدىكى سىياسىي مەيدانىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارمۇ ئامالسىزلىقتا قالغان ئوخشايدۇ »-دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
بىز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چالىدا خانىمنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن سوڭكۇلۇ ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ،بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
بىز تايلاند باڭكوك مۇساپىرلار ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ سوڭكۇلۇ ئۆلكىسىدىكى تۈرمىدىن كېسەل سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا سوئال سورىغىنىمىزدا مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:«بۇنى ئەڭ ياخشىسى تۈرمە ئىدارىسىدىن تەپسىلى سوراپ سىزگە جاۋاب بېرەي. مەن ھازىر يىغىندا سىز بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىم يوق»دېدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىراقلا،خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ يەڭ ئىچىدە تايلاند تەرەپ بىلەن كېلىشىپ ئۇيغۇرلارنى بىر-ئىككىدىن ئېلىپ كېتىش ئېھتىمالىقىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن تايلاندتا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلادىن ئابدۇلبەكىر بۇ ھەقتە توختالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى، 9-ئىيۇل كۈنىدە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن 109 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن . شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تايلاند قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەركەت، دەپ تەنقىدلىگەن شۇنداقلا باياناتنىڭ ئاخىرىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ،«تايلاندتا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى خالىغان دۆلەتلەرگە كېتىشىگە يول قويۇشى كېرەك»دېگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.