تايلاندتىكى تەكىلىماكان ئائىلىسىنىڭ ئادۋوكاتلىرى يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانماقتا

0:00 / 0:00


بانكوك سوتىنىڭ 17 ئۇيغۇرنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش قارارى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ئەپسۇسلاندۇردى. بۈگۈن يەنى 27 - مارت جۈمە كۈنى تايلاندتىكى جەنۇبىي بانكوك سوتى ھەسەن تەكلىماكان ئائىلىسى باشچىلىقىدىكى 17 ئۇيغۇرنى تۈرمىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قارار، بۇ كىشىلەرنىڭ بۈگۈن دەرھال ئازاد قىلىنىپ، تۈركىيىگە سالامەت يېتىپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى. بىراق ئادۋوكاتلار سوتتا ھېچ بولمىغاندا بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى چىقمىغانلىقىدىن خوشال. ئۇلار ئەمدى يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇشنى ۋە بۇ مەسىلىدە تايلاند ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشنى پىلان قىلماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى يەنى 24 - مارت كۈنى جەنۇبىي بانكوك سوتىدا بىر يىلدىن بۇيان ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەسەن تەكلىماكان ۋە خانىمى رۇقىيە تەكلىماكان ئائىلىسى باشچىلىقىدىكى جەمئىي 17 كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان. سوتتا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، قولىدا قانۇنلۇق تۈرك پاسپورتى بارلىقىنى، شۇڭا بۇلارنىڭ دەرھال ئازاد قىلىنىپ، تۈركىيىگە كېتىشىگە يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىنغا قاتناشقان تۈركىيە ئەلچىخانىسى باش ئەلچىسى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەممىسى بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا قانۇنلۇق تۈرك پاسپورتى بارلىقىنى قايتا - قايتا ئەسكەرتىپ، بۇلارنىڭ تايلاند تۈرمىسىدە بىر يىلدىن ئارتۇق سەۋەبسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

مانا بۈگۈن جۈمە كۈنى بۇ داۋا ھەققىدىكى قارار ئېلان قىلىندى. سوتچى بۈگۈنكى قارارىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى تۈرمىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئۈچۈن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، سوتچى قارارىدا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ يوللۇقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، سوتچىنىڭ قارارىغا سوتنى كۆزىتىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى قوشۇلمايدۇ. كىشىلىك ئەركىنلىك ئۇيۇشمىسى ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دانتوڭ برىن رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە بۇ داۋانىڭ تايلاندنىڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بىر خەلقئارالىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە تەكىتلەپ «قولىدا پاسپورتى بار بولغان ۋە ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان دۆلەتكە كېتىشى تايلاندنىڭ مەسىلىسى ئەمەس. بۇ بىر خەلقئارالىق مەسىلە. شۇڭا بۇ مەسىلىدە تايلاند خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. بۇ كىشىلەر تۈركىيىگە كېتىشكە ھوقۇقلۇق» دېدى.

ھەسەن تەكلىماكان ئائىلىسىنىڭ ئادۋوكاتى ۋوراسىت پىرىياۋىبون بۈگۈنكى قاراردىن ئەپسۇسلانغان ئىدى. ئۇ، بۇ داۋادىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا - بالىلاردۇر، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى : تېخى يېشىغا توشمىغان ئىككى بالىنىڭ بىرى تېخى تۆت ئايلىق، يەنە بىر ئون ئايلىق. ئۇلارنىڭ تۈرك پاسپورتى بار. مانا بۇ ئۇلارنىڭ بىردىن - بىر بارلىقى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق، چۈنكى ئۇلار تۈرمىدە تۇغۇلدى. بۇ بالىلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئادىللىق ئەمەس. مەن داۋاملىق بۇ بالىلارغا ئادالەت بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمەن. ئۇلارغا ئادالەت كېرەك.

جۈمە كۈنى تايلاندتىكى بۇ سوتتىن قانداق قارارنىڭ چىقىدىغانلىقى ئالاھىدە دىققەت بىلەن كۆزىتىلىۋاتاتتى. چۈنكى بۇ 17 كىشى ئۈستىدىن چىقىدىغان قارار تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭمۇ تەقدىرگە تەسىر كۆرسىتەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ مەسىلە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بىر دىپلوماتىك تىركىشىشكىمۇ ئايلىنىپ قالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن قاتتىق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ئەلچىخانىسى سەيشەنبە كۈنىدىكى سوتقا ئونغا يېقىن ئادىمىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق جۈمە كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىدىغان كۈنىدىكى سوتتا ئۇلاردىن ئادەم كەلمىگەن. تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىدەم ئاكاي ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۈگۈنمۇ سوت نەتىجىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن سوتقا ئۆزلىرى بىۋاستە كەلگەن. ئابدۇقادىر ئەپەندى بولسا بۇ نۇقتىغا دىققەت تارتىپ، بۇ بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى سوتتىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ. ئۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ، ئەگەر تايلاند ھۆكۈمىتى بارلىق پاكىتلارغا قارىماي، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈرك پاسپورتلۇق كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرسا بۇنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىيلىقىغا ئېغىر شەك كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۈگۈنكى سوتقا قاتناشقان خەلق ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرۈش فوندىنىڭ باشلىقى چىلىدا تاجارونسۇك مەزكۇر داۋادا ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىنسانلىق غورۇرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ داۋانى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئادالەت مىنىستىرلىقىغا كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سوتتا گەرچە ئۇلار قويۇپ بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلمايدىكەن. ئۇ، كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئادۋوكاتلارنىڭ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەممىسى بىرلىشىپ ھۆكۈمەتكە خەت يېزىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىمۇ بۇ ئىش سەۋەبىدىن تايلاندتا يېتىپ بارغان ئىدى. ئۇ رادىيومىزنىڭ تايلاندتىكى مۇخبىرىغا سوت نەتىجىسىدىن يەنىلا ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.