تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. نۆۋەتتە نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈسىتىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. مۇنازىرىلەردە ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇق ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، زۇلۇمدىن جېنىنى ئېلىپ قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن قارىلاپ جازالاۋاتقانلىقىدەك بىر نۇقتا يورۇتۇلماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ چاقىرىقىغا قارىماي 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تۈركىيە ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بۇ ۋەقە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قېيىن -قىستاققا ئېلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقىرىلىقى تىلغا ئېلىندى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ئويلاشمىغان ئاساستا مەسئۇلىيەتسىزلەرچە قىلغان بۇ ھەرىكىتى بىر قىسىم تايلاندلىق كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىنمۇ تەنقىد قىلىندى. تايلاندلىق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋىرا تەرىپىدىن بانكوك پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشى ئىنسانلىققا خىلاپ، دەپ ئەيىبلەندى. ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دېدى:
-ئەرلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى تۈركىيىگە قايتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بىر-بىرىدىن جۇدا قىلدى. بالىلارنى دادىسىدىن، ئاياللارنى ئەرلىرىدىن ئايرىدى. ئۇلار ئەمدى بىر-بىرىنى مەڭگۈ قايتا كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىۋېتىلىش تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش. مەن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دىكتاتور ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ بىر ئىنسانلىق مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ كۆرمەسكە سالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتىمەن.
ئاپتور ۋىرا سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلغان:
-غەربنىڭ ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلغاندىن كېيىن قاتتىق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى ئورۇنسىز ئەمەس... خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېىسملىرى كىشىنى تولىمۇ چۆچۈتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانى ئۆزلىرىنىڭ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىمەن دېسە ۋە شۇنداقلا تايلاندنى ئۆزى تېرىغان بالادىن قۇتۇلدۇرىمەن دېسە، چوقۇم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومېسسارلىقىغا ئوخشاش خەلقئارا گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ سوتلىرىنى نازارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك.
ئاپتور ۋىرا ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىشلەتكەن ئىبارىسىنىڭمۇ ئىنتايىن قوپاللىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ چوقۇم نېرۋا دوختۇرىغا كۆرۈنۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئالدىدا تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بىراق غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە باشقا دۆلەتلەردىن قايتۇرۇپ ئالغان ئۇيغۇرلارغا رەھىم قىلىپ باقمىغانلىقى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىندى. ئاتلانتىك خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان « تايلاند نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى » ماۋۇزلۇق ماقالىدە بۇ نۇقتا تەپسىلىي يورۇتۇلغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى تىبەتلەرگە ئوخشاشلا تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي بېسىملارغا ئۇچرايدىغانلىقى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن بۇيانقى ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا بىر يىلغا سوزۇلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى توختىماي داۋام قىلىپ كەلگەنلىكتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ ئاسىيا ئەللىرىدە قولغا چۈشۈپ قالغان تەلەيىسز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىپ قاتتىق جازالاۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-نەتىجىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قوشنا ئەللەر ئارقىلىق جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەلەيلىكلىرى تۈركىيىگىچە قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قوغداشقا ئېرىشىدۇ. ئەمما خىتاي بىلەن يېقىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى بولغان ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قولغا چۈشۈپ قالغانلىرىنىڭ قىسمىتى پەرقلىق بولماقتا. 2009-يىلى كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتايغا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەردى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت بىر مىليارد 200 مىليون قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفى رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەس ئىكەن... 2007-يىلى پاكىستاندىن قايتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ماقالىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشتىن قورقۇپ، 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندتىن 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ ئالا-ئالمايلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيىگە بېرىپ، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قارمىقىدا ئۇرۇش قىلماقچى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىشقا باشلىغان ئىدى. شۇڭا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى مۇھىم بىر تېمىلارنىڭ بىرىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك جىھادچىلارمۇ ياكى ھەقىقەتەن زۇلۇمدىن قېچىپ چىقىۋاتقان كىشىلەرمۇ دېگەن مەسىلە ئۈسىتىدە بولماقتا. بۇ ھەقتە ئەل-جەزىرە خەۋەرلەر تورى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئىنكاسىدا بۇنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان يالغانچىلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.