كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئادەم قاراداغ دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان بىلال مۇھەممەتنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى دەرھال ۋە تولۇق تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
بىلال مۇھەممەت بۇلتۇر باڭكوك شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان 2 ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ بىرى. 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست باڭكوك شەھىرىدىكى بىر ئىبادەتخانا يېنىدا پارتلىغان بومبىدا، 20 ئادەم ئۆلگەن، 120 دەك ئادەم يارىلانغان.
بىلال مۇھەممەت بۇ يىل 17-ماي 2-قېتىم مەھكىمىگە چىقىرىلغاندا، ئۆزىنىڭ تەن جازاسىغا، كەمسىتىشكە ۋە غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مەھكىمىدە مايكىسىنى يېشىپ بەدىنىدىكى تاياق ئىزلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئادەم قاراداغنىڭ بايانلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى برەد ئادامس: «باڭكوكتىكى پارتلاشنىڭ ۋەھشىيلىكى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ تەن جازاسى بېرىشى ئۈچۈن بىر باھانە بولالمايدۇ. گۇماندارلار ناتوغرا مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنى ئاشكارىلاش سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ھالقا» دەيدۇ.
ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى بولسا، تەن جازاسىغا تايىنىپ ئېرىشكەن ھەرقانداق دەلىلنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى، «ئۇنداق دەلىلگە تايىنىپ چىقىرىلغان ھۆكۈم ئادىل ھۆكۈم ئەمەس» دەيدۇ.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر سوت تەرتىپىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سوت چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. جىنايەتچىلەرگە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى بار. سىز ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالسىڭىز بولمايدۇ. ھېچقانداق دۆلەت مەن بىر جىنايەتچىنى تۈتىۋالدىم، ئۇنىڭغا تەن جازاسى بەرسەم بولىدۇ، دېمەيدۇ.
بۇنداق دېيىش كىشىلىك ھوقۇققا پۈتۈنلەي خىلاپ. شۇڭا، ئەگەر سوت جەريانىدا ھەرقانداق كىشىگە تەن جازاسى ئىشلەتكەن بولسا، بىزنىڭ ئۇ سوت تەرتىپىدىن گۇمانلىنىشىمىزغا يېتەرلىك سەۋەب بار. بۇنداق سوت تەرتىپىگە بىز مەسىلە بار، دەپ رىقابەت ئېلان قىلىمىز. چۈنكى بىز ئالدى بىلەن، سوت تەرتىپىنىڭ ئادىل ۋە قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر سوت تەرتىپى قانۇنلۇق بولمىسا، ئۇ ھەر خىل قانۇنسىز تەرتىپ ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتسە، ئۇنىڭ ئېرىشكەن دەلىلى، چىقارغان ھۆكۈمى، بەزىدە گۇماندارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇپ، ئېلان قىلغان ھۆكۈمى ئادالەتسىز بولىدۇ.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، تايلاندنىڭ خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەسىرىدە قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، «تايلاند خىتاينىڭ كىشىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ياڭ جيەنلى: «تايلاند ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىغا يېقىندىن ماسلىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تايلاندتىكى تەسىرى ناھايىتى زور. سىز بايام ئېيتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنىشى، بايامقى گۇماندارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋەقەلىرىدىن باشقا، يېقىندا خىتاي تايلاندتىن بىرقانچە خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە تۇتۇپ كەتتى.
بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ، تايلاند ئەدلىيىسى خىتاي ئەدلىيەسىنىڭ ناھايىتى قاتتىق تەسىرى ۋە كونترول قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتايدىكى بەزى دېلولارغا تايلاندنىڭ ئۆزى ئىشەنمەيدۇ. بۇ ھادىسىلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. تايلاند ھازىر خەتەرلىك يەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇ خىتايغا ئوخشاش بىر ئىستىبدات دۆلەتنىڭ كىشىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ» دېدى.
بىلال مۇھەممەت ھازىر تايلاند 11-ئارمىيەسىگە قاراشلىق باڭكوكتىكى بىر ھەربىي تۈرمىگە سولانغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2015-يىلى 11-ئايدا تايلاند ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، مەزكۇر تۈرمىنىڭ ناچار شەرت-شارائىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەربىيلەرنىڭ تۇتقۇنلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىشىدىن، تۇتقۇنلارنى ھەربىيلەر سوراق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنى نورمال تۈرمىگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان.
بىراق تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گېنېرال پراۋىت ۋاڭسۇۋان، بىلال مۇھەممەتنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ، 18-ماي تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا: «بۇ راست ئەمەس. سىلەر نېمىشقا ئۇنىڭغا قۇلاق سالىسىلەر. ئۇ بۇنى توقۇپ چىقاردى. بەدىنىدىكى ئۇ يارا ئىزلىرىنى ئۆزىنى پەيدا قىلالايدۇ» دېگەن.
شۇ كۈنى يەنە، تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىلال مۇھەممەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئاخباراتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن تەن جازاسىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمما كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا، تەن جازاسى ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانى، كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلە ياكى جازالارنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە قانۇنلاردا چەكلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تايلاندنىڭ بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،، بۇ خىل قىلمىشلار بايقالسا، سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
«خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى بولسا، مەزكۇر مەسىلىگە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، «بۇ مەسىلە بايانات ئېلان قىلغان پېتى قېلىپ قالماسلىقى كېرەك» دەيدۇ.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشى 1-قەدەم. مېنىڭچە، تايلاندنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. بىراق دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ داۋامى بولمايدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بىز ب د ت نى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپلا قالماي، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمىز. ھېچ بولمىسا بۇ مەسىلە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشى ياكى بولمىسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاش كېرەك. دوكلات ئېلان قىلىش دوكلات ئېلان قىلمىغاندىن ئەلا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرى چىقمىسا، ئۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى بولمايدۇ.»
0:00 / 0:00