تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارى بىلەن 1-سېنتەبىردىن 10-سېنتەبىرگىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە 14 خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مەزكۇر خەۋەر خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلدار ئالمىشىشتىن ئىبارەت سەزگۈر مەزگىلگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

29-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەمەلدار ئالماشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 6 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان جاڭ چۈنشەننىڭ ئورنىغا تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئۆزگىرىشكە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، دائىرىلەر 1-، 2-سېنتەبىر كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدە يەنە، يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ 1-سېنتەبىر مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مۇقىملىقنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قارار چىقىرىپ، يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 147 ئادەمدىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپا تەشكىللەپ ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەمەلدار ئالمىشىش ۋەزىيىتى ۋە يېڭى سېكرېتار چېن چۈەنگونىڭ رايوندا قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ھامان مۇقىملىقنى تەكىتلىشى ۋە جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈشىنىڭ، ئالدى بىلەن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەنسىرىشىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە چېن چۈەنگونىڭ جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تەشكىللەپ، 10 كۈنلۈك تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ساداقىتىنى سىناشتەك ئەنئەنىۋى خىزمەت پسىخىكىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ پەخرى باش مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى، يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ھامان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىساد، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى ئەمەس، بەلكى رايون مۇقىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەنلىكىنى داۋراڭ سېلىشى ئۇنىڭ رايونغا ئىلگىرى تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلارغا ئوخشاشلا «مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش ۋە ئىمتىياز تىكلەش» نى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرىمۇ چېن چۈەنگونىڭ تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى رادىكاللىق ئۇسۇلىدا باستۇرغانلىقى قاتارلىقلارنى نەقىل ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دېموكراتىك سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. چېن چۈەنگو ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ بىر ھەپتە بولمايلا ئۆزىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارا بايانات بەردى. مانا ئەمدى مەخسۇس مۇقىملىقنىلا تەكشۈرىدىغان ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تەشكىللەپ، يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ساداقىتىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى. بۇ بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە خىزمەت كۆرسىتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي تەشۋىقاتىدا ‹مۇقىمسىز زېمىن › دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆزى ئۈچۈن سىياسىي دەسمايە تىكلەۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە، مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جايلارغا تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ يەرلىك سىياسەت بەلگىلىسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىسى بارلىقىنى، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىش شارائىتى ۋە مەقسەتلىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىلىشىمچە، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەمەلدارلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋەزىپە ئالغانلار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئۆزى مەسئۇل بولغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا شۇ ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولغان يەرلىك سىياسەتلەرنى بەلگىلەشكە تىرىشىدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىمۇ ‹مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىلىرى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەنسە بولىدۇ› دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئاپتونوم رايونلار ۋەزىيىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقلىق. بۇ جايلاردا ئەمەلدارلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر نەقىللەر ناھايىتى كۆپ. مانا بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردىكى خەلقلەر يىللاردىن بۇيان سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇش ۋەزىيىتىدە قالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا بەلگىلەنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايونلاردىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشتەك ئەھۋال ۋە رايوندىكى مىللەتلەردىن بەلگىلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز بېشىغا كىيىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ‹مىللىي بۆلگۈنچى، مۇستەقىللىققا ئۇرۇنۇش› دېگەندەك قالپاقلاردىن ئەنسىرەش پسىخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ‹مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش›، ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىش› دېگەندەك شوئارلارنى ۋاسىتە قىلىپ، بۇ رايونلاردا ئۆزىنىڭ ھوقۇق ئىمتىيازىنى كۈچەيتىشكە ھەتتا يەرلىك خاقان بولۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئەھۋال مەيلى ۋاڭ لېچۈەن بولسۇن، مەيلى جاڭ چۈنشەن بولسۇن، ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىدە يۈز بەرگەن ئورتاق ئالاھىدىلىك. مانا ھازىر چېن چۈەنگومۇ ‹مۇقىملىق كوزىرى› ئارقىلىق ئۆز ئىمتىيازىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ھامان مۇقىملىقنى تەكىتلىشى، گەرچە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىن بېشارەت بەرسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا بەلگىلىگەن ئەمەلدارى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى، يەنىلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.