ب د ت نىڭ 56-قېتىملىق يىغىنىدا خىتايدىكى تەن جازاسىغا ئائىت كونكرېت ئەھۋاللار مۇزاكىرە قىلىندى

0:00 / 0:00

17-18-نويابىر كۈنلىرى نويابىر جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 56-قېتىملىق يىغىنىدا خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسى نۇقتىلىق قاراپ چىقىلغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە خىتايدىكى تەن جازاسى دوكلاتىنى تەييارلىغۇچىلاردىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى مەسئۇلى ۋاڭ سۇڭليەن خانىملار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ئاڭلاتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ئېچىلغان يىغىنىدا، نۇقتىلىق ھالدا خىتايدىكى ئەرزدارلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات سۇنۇلغان.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن دوكلاتىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى تەن جازاسى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئىنكار قىلغان بولسا، يەنە بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، مىللىي ئىشلار كومىتېتىدىن كەلگەن ۋەكىل جىن چۈنزىنىڭ «بىزدە سىياسىي مەھبۇس يوق. ئاز سانلىق مىللەت جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قارىلاشلارمۇ ئاساسسىز» دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ب ت ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتايدىكى تەن جازاسىغا ئائىت كونكرېت مەسىلىلەر ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇر،تىبەت موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ساقچىلارنىڭ مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش قىلمىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن بولغان سىياسىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى تەن جازاسى ئارقىلىق قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش مەسىلىسى، جازا مۇددىتى تولغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، ئەرزدارلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى، ھەر خىل پسىخىك تەھدىتلەرگە ئۇچرىشى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدىكى تەن جازاسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلاردىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى مەسئۇلى ۋاڭ سۇڭليەن خانىم، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەييارلىغان دوكلاتتىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ خىتايدىكى تەن جازاسى ھەققىدە سورىغان سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسىنى جاۋابسىز قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ سۇڭليەن خانىم بايانىدا ئۇلار تەييارلىغان دوكلاتتا «خىتايدىكى 400 دىن ئارتۇق دېلودا مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسى ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار نەقىل ئېلىنغان» بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇ پاكىتلارنى ئىنكار قىلىشى يىغىندا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ سۇڭليەن خانىم خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ مەھبۇسلارنى ئىقرار قىلدۇرۇشتا قوللىنىلغان تەن جازاسىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ: «خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ جاۋابىدىن ھېس قىلىشىمچە، نۇرغۇن جاۋابلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مەسىلەن، «يولۋاسقا مىنىش» جازاسىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئورۇندۇقنى سوراق ئورۇندۇقى دەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورۇندۇق گۇماندارلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راھەت ئولتۇرۇشى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابى بىز بۇ يىل 5- ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىمىزدىكى ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا بۇ خىل ئورۇندۇقتا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرغۇزۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىنتايىن ئازاب ھېس قىلىدىغانلىقى ۋە ئورۇندۇقتىن بوشىتىلغاندىن كېيىنمۇ بىر مەزگىلگىچە ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ئورۇندۇق ئېنىقلا قىيناش ئۇسۇلىدا ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ پاكىتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللار ھەققىدىكى جاۋابلىرى بىزنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈردى» دېدى.

ۋاڭ سۇڭليەن خانىم يەنە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قانۇن ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېنشىڭنىڭ قېيىن-قىستاق مەسىلىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە «خىتاي ھۆكۈمىتى قېيىن-قىستاقنى چەكلىگەن. خىتايدا قېيىن - قىستاق قىلغان ھەرقانداق كىشى ۋە ئورگان قاتتىق جازالىنىدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يالغانچىلىقى، يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئورگىنى ئەزالىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.