ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مېينىڭ خىتاي زىيارىتى ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىپ، خىتاي بىلەن يېڭى سودا قاناللىرىنى ئېچىشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى بازار ئېھتىياجىغا بولغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيە خىتاي بىلەن سودا قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ سودىنى، دەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا يول قويماسلىقى كېرەك. تېرېسا مېيى خىتاي زىيارىتىنى باشلاشنىڭ ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئوبزور ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى دەيۋىد مېفەم 30-يانۋار ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. دەيۋىد مېفەمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «تېرېسا مېيى ئەلۋەتتە شى جىنپىڭ بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، ھاۋا كىلىماتى، شىمالىي كورېيە ۋە باشقا گېئو-سىياسىي مەسىلىلەرنى سۆزلىشىشى كېرەك. بىراق ئۇ ئەنگلىيەنىڭ يەر شارى تەسىرىنى ئۈنۈملۈك قوللانماقچى بولسا، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا سۈكۈت قىلماسلىقى لازىم.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 31-يانۋار تېرېسا مېينىڭ زىيارىتى باشلانغان كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا، مەبلەغ سېلىش ياكى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا ئالاقىدار ھەرقانداق سۆھبىتى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق شارائىتىنى كۆزدىن ساقىت قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن. د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇنىڭ سىياسىتىدە تەكىتلەنگەندەك «توغرا ئىش قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق» ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پېتېر ئىرۋىڭ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تېرېسا مېينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش، ئۇلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش ۋە «سىياسىي تەربىيە لاگېرلىرى» غا سولاش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
پېتېر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى، بولۇپمۇ مۇھەممەت سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى تەقىبلەش، د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش قاتارلىقلار بىز ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان زور مەسىلىلەر. شۇنى بىلىش كېرەككى، رايوندا تەقىب قىلىش ۋە بىخەتەرلىك سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئاساسەن ھەر بىر ئائىلىدىن بىر كىشى سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا سولاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق. قۇرئاننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان زات مۇشۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ۋاپات بولغان. بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە يۈز مىڭلىغان كىشى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامالدى. بىز بۇ ئورۇنلارنىڭ شارائىتى ۋە ئۇنىڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا ئوچۇق ئاشكارا بولۇشقا، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»
غەرب دۇنياسى ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى تۇتۇپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بېرى غەربنىڭ بۇ يولى تەنقىدكە ئۇچراشقا باشلىغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ يولنىڭ ئاقمىغانلىقى، غەربنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. دەيۋىد مېفەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارا ۋە كەسكىن تەنقىد قىلىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا تېخىمۇ كەڭ جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراشتىن قوغدايدىكەن.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەخىمە ماھمۇت خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۇنى جازالاشتۇر.
رەخىمە ماھمۇت: «بىز ئۆتكەنكى پارلامېنتتا بولغان يىغىندا خىتاي، تىبەت ۋەكىلى ۋە مەن ھەممىمىز ئوتتۇرىغا قويغىنىمىز ‹سىلەرنىڭ بۇ دىئالوگىڭلار ھېچقانداق پايدا، ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمىدى. نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ خەلقىگە زۇلۇم قىلدى، دەپ نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويىسىلەر. لېكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچىلىك نېمىشقا خىتايغا قويۇلمىدى،› دېگەن پىكىرلەر بولدى. خىتاينىڭ مۇشۇ سىياسەتلىرىنى جازالاش ئۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۈنۈملۈك چارە، دەپ ئويلايمەن».
رەخىمە ماھمۇت يەنە، تېرېسا مېينىڭ خىتاي زىيارىتىگە كۆپ ئۈمىد باغلىمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىقتىسادنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رەھىمە مەخمۇت مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە تېرېسا مېينىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بار. چۈنكى، تىبەتلىكلەر يېزىۋاتىدۇ، بىز يېزىۋاتىمىز، يوللاۋاتىمىز. بۇ قېتىم بىز مۇشۇ سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانتۇق. لېكىن مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ شەخسى قارىشىم، تېرېسا مېيدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەيمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن. بۇ كونسېرۋاتىپ پارتىيىنىڭ پۈتۈن ئويلايدىغىنى ئىقتىساد. ئەمما بىزنىڭ بىراقلا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشىمىزگە بولمايدۇ. بىز ئامال بار يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىپ، تەلەپلىرىمىزنى قويۇپ تۇرىمىز.»
تېرېسا مېينىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سودا-ئىقتىساد ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق مەسىلە. ئۇ چارشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن ئۇچراشقان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ قاناللىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىش، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى، كېلەچەكتىكى سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. تېرېسا مېيى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «بىز سودا مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق شۇنداقلا بىز ئىككى تەرەپنىڭ كېلەچەكتىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىگە بولغان خرىسىمىز ناھايىتى چوڭ» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ ئۇنىڭ بۇ سەپىرىدە 12 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىلى پېتېر ئىرۋىڭ، ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق بىر سودا كېلىشىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
پېتېر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «باياتىن مەن ئېيتقاندەك ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەچكە ئۇ ياۋروپا بازىرىغا بۇرۇنقىدەك كىرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ياۋروپا بازىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان كۆڭۈلدىكىدەك بازارغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىز ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىملىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ياكى ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆز يۇمۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز.»
پېتېر ئىرۋىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ تېرېسا مېينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا گۇمان بىلەن قارىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەنگلىيەنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ: «ئەنگلىيەنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يولنى قوللىشى خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سودا شەرتلىرىنى تېڭىشىغا رىغبەتلەندۈرىدۇ» دېدى. لېكىن تېرېسا مېيى بېيجىڭدا «بىز خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى تەمىنلىگەن پۇرسەتلەرنى قارشى ئالىمىز» دېگەن.