سەيشەنبە كۈنى، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دىئالوگىدا ئىككى تەرەپ، رايون خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەھدىتى، ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىكى، ئۆز-ئارا تېررورلۇققا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش، چېگرا بىخەتەرلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، زوراۋان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
تەرەپلەر يەنە، پارتلاتقۇچ بومبا ماتېرىياللىرىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 25-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، دىئالوگ ئىككى تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئورتاق مەقسەت ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىشنى ئالغا سۈرۈش، كۈچەيتىشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئامېرىكا خىتاي بىلەن داۋاملىق تېررورلۇققا قارشى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆزلەيدىكەن.»
ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق دىئالوگى 2014-يىلى باشلانغان. ئەمما، بۇ دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئانالىزچىسى سارا كۇك (ساراھ چووك) خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ھەمكارلىق مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر خەتەرلىك نۇقتا، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالغان ئۇچۇرغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ھەرقانداق تېخنىكىغا تايىنىپ ئېرىشكەن ۋە تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا. چۈنكى، (ئۇلار) بۇ نەرسىلەرنى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، تىبەت، فالۇنگوڭ، خرىستىئان ۋە باشقا پائالىيەتچىلەرگە قارشى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە. بۇ قوراللار دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە ساقچى، ئىستىخبارات ۋە تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەلەردە قانۇنلۇق ئىشلىتىلسىمۇ، ئەمما خىتايدا (بۇ قوراللارنى) تىنچ ئۆكتىچىلەرگە قوللىنىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئۇچۇر ۋە تېخنىكىنى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا بەك دىققەت قىلىشى كېرەك.»
سارا كۇك خانىمنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە توغرا بولىدۇ. ئۇ، بۇ دىئالوگدا ئامېرىكىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
سارا كۇك: «مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى بىلگەچكە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، مېنىڭچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دېلوسىنى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان شەرت-شارائىتتىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىي مەھبۇسلار قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماسلىقى، ئۇلار يەنە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق دىئالوگلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، (خىتايغا) ئەگەر سەن راست ھەمكارلىق ئىستىسەڭ، بۇنداق قىلماسلىقىڭ كېرەك. سەن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشىڭ شەرت. سېنىڭ ھەرىكىتىڭ خىتايدا ھەقىقىي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، سەن بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، دېيىشى لازىم.
ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى سوتلىشى، ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىڭگە زىيان سېلىپ، كومپارتىيەنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدە قانچىلىك پۇرسەتپەرەس ۋە زىددىيەتكە توشقان پارتىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.
ئەمما بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىققا قىزىقىشىدىكى مەقسىتى باشقا. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى، «خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى چەتئەل بىرلەشمە كومىتېتى»نىڭ رەئىسى ۋېي جىڭشىڭ، «خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشىغا ئامېرىكىنى سۆرەپ كىرىش» دەپ كۆرسەتتى.
ۋېى جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي-ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى ئەمەلىيەتتە تىلى ۋە مەقسەت-مۇددىئاسى پەرقلىق ئادەملەرنىڭ دىئاگىدەك بىر ئىش. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش، بۇ ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى. باشقا جەھەتتىكى ئەھۋاللاردىن كۆپ خەۋىرىم يوق. خىتاي كومپارتىيەسى، سىلەر بىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخباراتى بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇڭلار دېگەننى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئىسلام تېررورچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا ئىزچىل خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن. چۈنكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەر قايسى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلىدۇ.»
ۋېي جىڭشىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلاشمىغان ياخشى. ئۇ، خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى ئۈمىد قىلىش «بەك ساددىلىق» دەپ كۆرسەتتى.
ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق ئۈمىدى بار، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى قانداقسىغا ئامېرىكىغا ياردەم قىلىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرغانلىقى بولۇپ قالمامدۇ. شۇڭا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىكرى ناھايىتى ساددىلىق. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاينىڭ ئوي-پىكرى ناھايىتى ئەمەلىيەتچان. خىتاي بۇ قاماق ئارقىلىق ئامېرىكىلىقنى ئىلىۋېلىپ، ئۇلاردىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخباراتىغا ئىگە بولۇشنى ۋە ئۇلارنى ئىلگىرىلەپ باستۇرۇشنى ئويلايدۇ. شۇڭا، بۇنداق ھەمكارلىقنى ئەڭ ياخشىسى قىلمىغان ياخشى. ئەگەر ئامېرىكا ھەمكارلاشسا، كومپارتىيە ئۇنى چوقۇم ئالدايدۇ.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن تىنچ، قانۇنلۇق ئۆكتىچى، سىياسىي، دىنىي پىكىرلەرنى پەرقلەندۈرمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2015-يىللىق خەلقئارا تېررورلۇق دوكلاتىدا، «خىتاينىڭ دىنىي ئىپادىلەر بىلەن زوراۋان ئەسەبىلىكنى پەرقلەندۈرمەي باستۇرۇشى» ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئانالىزچىسى سارا كۇك خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل دىئالوگلاردا خىتاي سۆھبەت ئۆمىكىدىكى ئەزالارنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا ئارىلاشقان ئەمەلدارلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «يەنە بىر مەسىلە، بۇ يىغىنغا پەرقلىق ئورگانلار ۋە شەخسلەر ئىشتىراك قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمىز. ئېھتىمال، سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان بەزى شەخسلەرنىڭ بەلكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىن. مەن دېمەكچى بولغان نۇقتا شۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى (خىتاي) ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەزالارنىڭ كىملىكىگە دىققەت قىلىشى، ئۇلارغا مەسىلەن، شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ، بەزى مەينەت ئىشلارغا ئارىلاشقان كىشىلەر بولسا يول قويۇلمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىشى كېرەك.»
0:00 / 0:00