5-ئاينىڭ كۈنىدىن 11-كۈنىدىن باشلاپ تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلىتىمىز تەيۋەننى يوقىتىپ قويمايلى!» ناملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ قېتىمقى سەپىرىدە، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى تەيۋەندە قۇرۇلغان «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ، تەيۋەندە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، يېقىندىن بۇيان تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق ئۇيۇشمىسى»نىڭ پائالىيەتلىرى ۋە باشقا پائالىيەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات خىزمىتىدىن ئۆزىنىڭ مەمنۇنلۇقىنى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاسىيادا ئاڭلىتىشتا، تەيۋەندە مۇھىم قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام مەخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ قېتىمقى تەيۋەندە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدە، تەيۋەن خەلقىگە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە،1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق ئاتوم يادرو سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېيىپلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۇيغۇرلاردا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش سانىنىڭ خىتايدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە قارىغاندا يۇقىرىلىقى، ئاتوم يادرو سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن. مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن مېيىپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلىرى تەيۋەنلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇندىن باشقا ئۇ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلاردىكى نامراتچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك باج-ئالۋاڭ تۈزۈملىرى، خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولغان باج كەچۈرۈپ قىلىش، ئىقتىسادىي ياردەمدە بولۇش، ھەممىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئەۋزەل سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي كۆچمەنلىرى بايلارغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ بەك كەمبەغەللىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن.
تەيۋەندىكى خەلقئارالىق يىغىننى تاماملاپ ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن ئىلھام مەخمۇت تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەيۋەندىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.