26-ماي كۈندىن باشلاپ تەيۋەننىڭ مەركىزى تەيبېيدا چاقىرىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋەكىللەر ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۆز رايونلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەرگەن.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت بىلەن ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن ئەنىۋەر توختى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات سۆزلىگەن.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، يىغىننىڭ 27-ماي كۈنىدىكى پروگراممىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن بۇيانقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى، دوكلاتتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈمىد خەمىت دوكلاتىدىكى بەزى مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى.
ئۈمىد خەمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن بىر قىسىم تەيۋەن مۇخبىرلىرى ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتى توغرىسىدا ۋە شۇنداقلا باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىغان.
يىغىن مەيدانىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئەنگلىيەدىن كەلگەن تېببىي ساھە مۇتەخەسسىسى ئەنىۋەر توختى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق ئاتوم يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك بالايىئاپەتلىرى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈپ سېتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى نىشان قىلغان ھالدا ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى كەڭ يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلغان.
يىغىندا تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى ئۆز رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان.
يىغىندا تەيۋەن دېموكراتچىلىرى بولسا تەيۋەندە تولۇق دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان.
بۇ قېتىمقى يىغىندا خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا توختالغان لى ئەپەندى دوكلاتىدىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، خىتايدىكى ئوخشىمىغان رايون ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورتاق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. شۇڭا بىز ھەممىمىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاينى چۈشىنىشى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس، ئۇلار خىتاي دۆلىتى بىلەن يەنىلا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە، خىتاي دۆلىتى ئۇلار ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاڭدىكى ھاكىمىيەت ئەمەس، شۇڭا بىز خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان رايون ۋە مىللەتلەر بىرلىك ھاسىل قىلىپ، غەرب ئەللىرىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن» دېدى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىس يېن يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «يىغىندا خوڭكوڭ، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ناھايىتى ئەتراپلىق بولدى دەپ قارايمەن. ھەر قايسى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ دوكلاتى كەڭ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىتالىيەدىكى خەلقئارا ئورگان بىلەن تەيۋەن دېموكراتىك فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 26-مايدىن 29-ماي كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا بىر قانچىلىغان دۆلەتلەردىن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.