تيەنئەنمىن ھۇجۇمچىلىرىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00


تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن ئوسمان ھەسەن ۋە ئانىسى قۇۋانخان رېھىمنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىن ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ئاقتۇ ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، دائىرىلەر ۋە ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ئوسمان ھەسەن، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈژمە يېزا 3 - كەنت 8 - گۇرۇپپىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1992 - يىلى ئاقتۇدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئاقتۇغا ئاخىرىقى قېتىم 2007 - يىلى كەلگەن. قۇۋانخان رېھىم بولسا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرى يۇرتىدىن ئايرىلغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ تۆۋەندىكى پروگراممىسىدىن ئاڭلايسىلەر.

ئاقتۇنىڭ جامالتېرەك يېزىسىنىڭ كەنت باشلىقى، تيەنئەنمېندە ۋەقە يۈز بەرگەن كۇننىڭ ئەتىسى يەنى سەيشەنبە كۈنى يېزىدا يىغىن ئېچىلىپ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى ۋە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى. كەنت باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزا رەھبەرلىرى، ۋەقەنىڭ باش - ئاخىرىنى تەپسىلىي ۋە تولۇق دېمىگەن، پەقەت 3 كىشىنىڭ بېيجىڭدا ۋەقە چىقىرىپ قويغانلىقىنى ۋە ئۇچ كىشىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا، ئىككى كىشىنىڭ بولسا، ئاقتۇنىڭ ئۈژمە يېزىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ھەرقايسى كەنتلەر ئۆز تەۋەلىكىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كەتكەن كىشىلەرنى تىزىملىغان. ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسى، تېلېفون نومۇرلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى كەنتلەردە 28 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ يېزىغا كىرگەنلەر ۋە چىققانلار تىزىملانماقتا ۋە نازارەت قىلىنماقتا.

ئۈژمە يېزىسىنىڭ باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بەردى:

سوئال: تيەنئەنمېندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتسىلەر؟

جاۋاب: يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كەتكەنلەرنى تىزىملاۋاتىمىز.

سوئال: تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئوسمان ھەسەن يېزاڭلارنىڭ قايسى كەنتىدىن؟

جاۋاب: 3 - كەنت 8 - گۇرۇپپىسىدىن.

سوئال: ئوسمان ھەسەن نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان؟

جاۋاب: ئۇ 1992 - يىلى يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاقما نوپۇس بولۇپ تىجارەت قىلىپ يۇرۈۋاتقان. ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ئاشخانا ئاچقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار، ئىچكىرىدە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ ئاخىرىقى قېتىم 2007 - يىلى يۇرتقا بىر قېتىم كەلگەنكەن، 2 - قېتىملىق سالاھىيەت كېنىشكىسى تارقىتىشتا ئۇ ئۆزى بولمىغاچقا ۋە ئىلتىماس سۇنمىغاچقا ج خ تارماقلىرى نوپۇسىنىمۇ ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىكەن.

سوئال: ئوسمان ھەسەننىڭ ئائىلىسىنىڭ شەخسىي بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغان تەرەپلىرى بارمىدى؟

جاۋاب: بىزنىڭ تەكشۈرۈشلىرىمىزدە ئۇ تەرەپلىرى بايقالمىدى، ج خ تارماقلىرى بىلەمدۇ - يوق ئۇقمايمەن.

سوئال: ئوسمان ھەسەن ئانىسى قۇۋانخان رېيىمنى داۋاملىق يېنىدا ئېلىپ يۈرەمتىكەن ياكى مۇشۇ قېتىم ۋەقە ۋاقتىدىلا جەم بوپتىمۇ؟

جاۋاب: ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى بارىمەن، ئوغلۇم ئۈرۈمچىدە ئاشخانا ئېچىۋاتىدۇ، دەپ 9 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى يۇرتتىن ئايرىلغان ئىكەن.

سوئال: ئوسمان ھەسەننىڭ ئانىسى مىجەز - خاراكتېرى جەھەتتە قانداق بىر ئايال ئىدى؟

جاۋاپ: بۇ تەرەپلىرىنى مەن بەك بىلىپ كەنتمەيمەن، كەنت مەسئۇللىرى بىلدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا تيەنئەنمىن ھۇجۇمچىلىرىنىڭ كىملىك ۋە ھاياتى ھەققىدە ئىگىلىگەن دەسلەپكى مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.