10-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە بولغاندەك فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىمۇ مىڭلارچە تىبەت نامايىش قىلىپ، 1959-يىلى، 10-مارت لاسا ۋەقەسىنىڭ 55 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
بۇ پائالىيەتكە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە فرانسۇزلاردىن بولۇپ 2000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. نامايىشقا فىرانسىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت باشچىلىقىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان ھەم بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان.
نامايىش ئاخىرىدا فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاندروۋ كاتالون ئەپەندى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.