تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئەسلىمىسى

0:00 / 0:00

تونۇلغان تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر خانىم بۇ ھەپتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلىپ، بىر تىبەت زىيالىيسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى. ۋوئېسېر خانىم مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.

ۋوئېسېر خانىم يېقىندا ئۆزىنىڭ 2003-يىلى سېنتەبىردە ئېرى يەنى تونۇلغان خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشڭۇڭ ئەپەندى بىلەن بىللە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا قىلغان 13 كۈنلۈك سەپەر خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى.

ۋوئېسېر خانىم، 2003-يىل ئۆكتەبىر يېزىلغان سەپەر خاتىرىسىنىڭ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندە يەنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن بىر ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىنىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئايرىم چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. ئەمما ئۇ سەپەر خاتىرىسىگە قوشۇپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن ئىككى پارچە خاتىرە رەسىمگە «يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ ھەققىدە ئاڭلىغان ھەر خىل خەۋەرلەر، ماڭا 2003-يىلى كۈز پەسلىدە ئۆزۈم سەپەردە بولغان جايلارنى ئەسلەتتى. تۇرپان، كېرىيە، خوتەن، قاراقاش، قاغىلىق، يەكەن، يېڭىسار، قەشقەر، مارالبېشى، باي، كۇچار، چاقىلىق. . . يول بويى تارتىلغان ئاشۇ كونا رەسىملەرنى قايتا كۆرۈپ چىقتىم. مەندە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان قەشقەر كونا شەھىرىدىكى ئوماق، گۈزەل سەبىيلەر ھازىر ئاللىقاچان قىران يىگىتلەر بولۇپ يېتىلدى، ئەمما ئۇلار ئامانمىدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، ماقالىنىڭ بېشىدىلا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بىر تىبەت يازغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ۋوئېسېر خانىم ئەينى يىلىدىكى 13 كۈنلۈك سەپەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا بېرىش قارارىنى ئېلىشىغا، ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپ قېتىم سەپەر قىلغان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان «سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ مېنىڭ غەربىي دىيارىم» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي يازغۇچىسى ئېرى ۋاڭ لىشۇڭنىڭ تەۋسىيەسى سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ سەپىرىمىز شىمالىي رايونلارغا ئەمەس بەلكى جەنۇبىي رايونلارغا بولدى. ۋاڭ لىشۇڭنىڭ قارىشىچە، جەنۇبىي رايوننى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ روھى دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا 6 قېتىم سەپەردە بولغان ۋاڭ لىشۇڭنىڭ نەزىرىدە جەنۇبنىڭ تەتقىقات قىممىتى تېخىمۇ يۇغۇرى. ساپ ۋە قويۇق ئۇيغۇر مۇھىتىنى كۆرۈش ئارزۇسىدىكى ماڭا نىسبەتەن بولسا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئەلۋەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى،» دەپ يازىدۇ.

ۋوئىسېر خانىم سەپەر خاتىرىسىدە تىبەت، خىتاي، تۇڭگان ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئوخشىمىغان 4 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 5 كىشىلىك سەپەر ھەمراھلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئوخشىمىغان تۇيغۇسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن.

ئۇ سەپەرداشلار ئارىسىدىكى ئورتاقلىق ھەققىدە توختىلىپ «‹ئا ك› ئىسىملىك تۇڭگان ئەر-ئايال سەپەر ھەمراھىمىز بولدى. دەسلەپ خوش بولدۇم. چۈنكى تۇڭگانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. بۇ مېنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنى چۈشىنىشىمگە پايدىلىق ئىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىككى جايدىكى (خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇڭگانلار دېمەكچى) كۆپلىگەن كىشىلەردە ئورتاق بولغان ‹ھالال-ھارام› چەكلىمىسى بار. مەن پۈتكۈل سەپەر جەريانىدا ھالال يېمەكلىك يېيىشكە نىيەت قىلغان ئىدىم. چۈنكى تىبەتلەر ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر چوشقا گۆشىنى يېيىشنى خالىمايدۇ، قوي ۋە كالا گۆشىگە بەكرەك ئامراق بولۇش چارۋىچى مىللەتلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك بولسا كېرەك.» دەپ يازىدۇ.

ئەمما ۋوئىسېر خانىم يەنە «ئا ك» ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ سەپەر جەريانىدا ئىپادىلىگەن زىيادە «خىتاي سۆيگۈسى» دىن ئۆزى ۋە ئېرى ۋاڭ لىشۇڭنىڭ راھەتسىزلەنگەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ.

بۇ بۇ خىل ھېسسىياتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «لېكىن چوشقا گۆشى يېمەسلىك بىزنىڭ ئارىمىزدا قەلب ئورتاقلىقى بارلىقىنى ئىپادىلىمىدى. ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە مەن ‹ئا ك› نىڭ سالاھىيىتىدىكى مۇرەككەپلىكنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە بىزنىڭ ئوخشىمىغان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادىمىز بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكچى ئەمەسمەن. ئۇ بىز ئۈچۈن ئاپتوموبىل ھەل قىلدى، يول بويى بىزنى مېھمان قىلىپ ماڭدى. ئەمما ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان (مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان) مۇھىتتىن ماڭا ئوخشاش نورمالسىزلىق ھېس قىلمايتتى. ئۇ ئوخشىمىغان تائىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىناق-ئېجىل ياشىيالىشىغا ئىشىنەتتى. ئۇ دائىم ‹ دۆلىتىمىز› دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۇ ئىپادىلىگەن بۇ قەدەر كۈچلۈك ساداقەتمەنلىك، ئېرىم ۋاڭ لىشۇڭنىمۇ ھەيرەتتە قويدى، ۋاڭلىشۇڭ ماڭا، ‹ئا ك بۇ دۆلەتنى خىتاي مىللىتىدىن بولغان مەندىنمۇ بەكرەك سۆيىدىكەن› دېدى.»

ۋوئېسېر خانىم دەسلەپكى ئىككى كۈنلۈك سەپەردە ‹ئا ك› نىڭ سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇنازىرىلىرىنىڭ سەپەرنىڭ دەسلىپىدىلا ئازادە كەيپىياتقا تەسىر قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، «‹ئا ك› توختىماستىن ‹ئۆلىتىمىز› دېگەن سۆزنى تەكرارلاش بىلەنلا چەكلەنمىدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان سەزگۈر مەسىلىلەردە توختىماستىن تالاش-تارتىش قىلاتتى. ئۇ ‹دۆلىتىمىز شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا بىر مىليون ھەتتا 10 مىليون ئاھالىنى كۆچۈرۈشى كېرەك، ئەنە شۇندىلا بۇ جايلاردا مىللىي مەسىلە مەۋجۇت بولمايدۇ.› دېگەن سۆزلەرنىمۇ قىلىپ ماڭدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ۋاڭ لىشۇڭ غەمكىن ھالدا، ئىككى كۈندىن كېيىن دانىيار كېلىدۇ، ئاپتوموبىلدا يەنە بىر مىللەت كۆپىيىدۇ. سەپەر جەريانىدا مىللەت، دىن قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەشمەيلى دېدى» دېگەن بايانلارنى بېرىدۇ.

ۋوئېسېر خانىم سەپەر خاتىرىسىدە ئۇيغۇر سەپەردىشى دانىيار ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.

ۋوئېسېر دانىيارنىڭ تۇڭگان سەپەردىشى «ئا ك» بىلەن بولغان پەرقىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئەمدىلا 30 ياشتىن ھالقىغان دانىيار خۇشخۇي ئىدى. ئۇ كۈلگەندە مەڭزىدە ئىككى زىنىخ پەيدا بولاتتى. خىتاي ئۆلكىسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان سۆزمەن بۇ ئۇيغۇر، ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدىكى خىتاي تىلىدا راۋان سۆزلەيتتى. ئاقسۇدىن بۈگۈرگە قەدەر پويىز بار بولسىمۇ، ئەمما دانىيار ئۆزىنىڭ پويىزنى ياقتۇرمايدىغانلىقى ۋە پويىزغا ئولتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بىزگە، ‹پويىز بىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ پويىز يەنە نېمىلەرنى ئېلىپ كەتتى؟ پويىز كىمگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى؟ ئەجەبا پويىز بىز ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلدىمۇ؟ سىلەرنىڭ تىبەتتىمۇ پويىز قاتناشقا ئاز قالدى، ئاشۇ چاغدا سىز پويىزنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىز. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ پوزىتسىيەمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئۆمرۈمدە پويىزغا ئولتۇرماسلىقنى قارار قىلغان.›»

ۋوئېسېر يەنە تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان «ئا ك» بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان دانىيارنىڭ خىتاي تارىخىدىكى سەيياھ جاڭ چىيەن ۋە خىتاي ناخشىچىسى ۋاڭ لوبىن ھەققىدىكى ئوخشىمىغان قارىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئا ك تارىختىكى سەيياھ جاڭچيەننى ‹ئۇلۇغ قەھرىمان› دەپ مەدھىيەلىدى، ئۇنى ‹يىپەك يولىنى ئېچىپلا قالماستىن، خىتاي زېمىنىنى بەرپا قىلىشتا تۆھپە ياراتتى› دەپ تەسۋىرلىدى. ئەمما دانىيار ئۇنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقتى. دانىيارنىڭ قارىشىدا جاڭ چىيەن بىر جاسۇس خالاس. دانىيارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاسۇسنىڭ ئايىغى تەگكەنلىكى جاي شۇ دۆلەتنىڭ زېمىنىغا ئايلاندى. ئۇ ھالدا دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كەتمەمدۇ؟! ‹ئا ك› يەنە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ‹غەربىي دىياردىكى ناخشا پىشىۋاسى› دەپ ئاتالغان ۋاڭ لوبىننى، ‹شىنجاڭنىڭ مۇزىكىلىرىنى پۈتكۈل دۆلەت خەلقىگە يەتكۈزدى› دەپ مەدھىيەلىدى، ئەمما دانىيارنىڭ نەزىرىدە، ۋاڭ لوبىن بىر مەدەنىيەت ئوغرىسى ئىدى.»

سەپەر خاتىرىسىدە ۋوئېسېر يەنە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى بۇ سەپەرداشلارنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى: «مەن كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىدىم، گەرچە بۇ ئىككىيلەن ئوخشاش بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بۇ قەدەر پەرقلىق. مەندە ‹دانىيار مەن بىلەن ئورتاق قاراشتا› دېگەن تۇيغۇ بار ئىدى. ھالبۇكى، ۋاڭ لىشۇڭ بولسا مەڭگۈ ئوتتۇرىدىكى ئادەم رولىنى ئوينايتتى. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى، ‹ئا ك› ئۆز قارىشىنى قانداق تېڭىشىدىن قەتئىينەزەر دانىيار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ماڭا ئوخشاش بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەمەس، بەلكى يۇمۇرلۇق ئۇسۇلدا رەددىيە بېرىش يولىنى تاللاپ ئارىدىكى ئەپسىز كەيپىياتنى يۇمشىتالايتى.» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.

تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر خانىمنىڭ سەپەر خاتىرىسىنىڭ داۋامىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.