0:00 / 0:00
ياپونىيەدىكى مەشھۇر قەدىمى مەسچىتلەردىن بىرى بولغان توكيو تۈرك جامائەسىدە مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
توكيو تۈرك جامائەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان.
پائالىيەتكە توكيو تەۋەسىدىكى بارلىق مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم مۇسۇلمانلار قاتناشقان.
تۆۋەندە ياپونىيەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ بۇ پائالىيەت توغرىسىدا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بولغاي.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.