توكيودا ئۇيغۇر قاتارلىق مىڭلارچە كىشى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 30-كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى يىغىلىش ۋە نامايىش پائالىيىتىگە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتنىشىپ، سۆز قىلغان.

پائالىيەتنى ياپونىيىدىكى مىللەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتى تەشكىللىگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈچ يىلدىن بۇيان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئاسىيادا ئۆزى بىلەن قوشنا بولغان ئەللەرنىڭ زېمىنىغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار يىغىندا ياپونىيىلىكلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز تۇپراقلىرىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، شىمالىي كورىيىگە تۇتقۇن قىلىنىپ كېتىلگەن ياپونىيىلىكلەرنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىش، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكەن كۇرېل ئاراللىرىنى رۇسىيىدىن قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە شۇنداقلا كورىيە بىلەن بولغان تاكېشىما ئارىلى مەسىلىسىدە ھەرگىز كورىيىگە يول قويماسلىقتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى ئاساس قىلىنغان سەپەرۋەرلىك ماقالىلىرىنى ئوقۇغان.

بۇ قېتىمقى توكيودا ئېلىپ بېرىلغان يىغىلىشقا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىغىلىش مەيدانىغا تېلېفون قىلىپ ئىلھام مەخمۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇ قېتىمقى يىغىلىش پائالىيىتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار سائەت تۆتتىن ئالتىگە قەدەر توكيودىكى ئاۋات كوچىلارنى ئايلىنىپ خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ يىغىلىش ۋە نامايىشقا جەمئىي مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.