يىغىن توكيونىڭ مەركىزىدىكى شىنجىكۇ مەدەنىيەت مەركىزى زالىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئىككى سائەت دوكلات بەرگەن.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم يىغىندا، بۇندىن ئون ئالتە يىل ئاۋۋالقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باراۋەرلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق دوكلات بەرگەن. دوكلات كەچ سائەت يەتتە يېرىمدىن توققۇز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.
بۇ قېتىمقى «5-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ ئون ئالتە يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يىغىنغا توكيودىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ، ئاتمىشتىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان. بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.