10-دېكابىر توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.
بىز ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كانادا تارونىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، 10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش مەيدانىغا تېلېفون قىلىپ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ بىرلەشمە نامايىشى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كانادا تارو بۇ قېتىمقى خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «تەشكىلاتىمىزنىڭ تەشكىللىشى بىلەن توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم بىزنىڭ مەسىلىلىرىمىزنى قوللىغۇچىلار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بۇ نامايىشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مەقسىتىمىز ئورتاق ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش ۋە شۇنداقلا ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بوغۇلغان ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش» دېدى.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشتا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشتىن كېيىن، توكيودىكى مىكاۋادەي باغچىسىغا توپلىنىپ شۇ يەردە يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ۋە نامايىشنى داۋام قىلىپ يۈزلەرچە نامايىشچى قوللىرىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، تىبەت، موڭغۇل تۇغلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۈنلۈك ئاۋازدا «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن!تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، توكيو كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، ساياھەتتە بولۇۋاتقان كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.
نامايىشتىن كېيىن، بۇ قېتىمقى توكيودا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى نامايىش ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.