خىتاي تور بۇزارلار سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىغا سۇقۇنۇپ كىردى

0:00 / 0:00

چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ كومپيۇتېرلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەن خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى يېڭى بىر ئەھۋال بولمىسا كېرەك.

ئەمما يېقىندا كومپيۇتېر ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي توربۇزارلىرى ھازىر كومپيۇتېرلاردىن ھالقىپ، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشقا باشلىغان. بۇ ھەقتە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرنى قول تېلېفونىغا پروگرامما قاچىلىغاندا پروگراممىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە قاتتىق دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ جاسۇسلۇق، بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنى بۇنىڭغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا زورلاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاي تور بۇزارلىرى بىر ياقتىن چەتئەل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، چوڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىش ئارقىلىق ئۇچۇر-ئەقلىي مۈلك جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر ياقتىن مۇھىم سىياسىي شەخسلەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ياكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، بۇزغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا. مانا بۇلارنىڭ قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارغا ئائىت كومپيۇتېرلار، ئۇلارنىڭ تور بەتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلخەتلىرىمۇ داۋاملىق خىتايدىن كەلگەن خاككىرلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئىلگىرىكى ۋەقەلەردە، خىتاي توربۇزارلار جاسۇسلۇق ۋىرۇسى يوشۇرۇنغان مىكروسوفت يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ھۆججەتلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ «ئالما» مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، بۇ خىل بۇزغۇنچى ھۆججەتلەر ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلانغان تەقدىردە، قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىدىن سۈڭگۈچ ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى شەخسى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ سىرتتىكى مۇلازىمېتىرغا يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى.

ئەمما يېقىندا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بىر خاككىرلىق ھۇجۇمىدا، خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ قول تېلېفونلارغا جاسۇسلۇق پروگراممىسى قاچىلاش ئارقىلىق ئۇچۇر ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. دۈشەنبە كۈنى كانادادىكى «سىتىزىن لەب» ئۇچۇر سىستېمىسى بىخەتەرلىكى شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي خاككىرلىرى كۆپ خىل ئىقتىدارلىق تېلېفونلار ئىچىدىكى «ئاندورويىد» تېلېفونىغا جاسۇسلۇق پروگراممىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىغان. ئاندرويىد تېلېفونىغا قاچىلانغان بۇزغۇنچى پروگرامما قارشى تەرەپنىڭ قول تېلېفونىدىكى بارلىق تېلېفون نومۇرلارغا ئېرىشەلەيدىكەن، قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىكەن ھەمدە شۇ كىشىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئورگانلار ۋە شەخسلەرنىڭ كومپيۇتېرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى كۆپ كۆرۈلگەن بىر ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما ئاندوريىدقا ئوخشاش قول تېلېفونىغا سۇقۇنۇپ كىرىشى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن بىر ئەھۋال. ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى قول تېلېفونلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، كۆپ خىل ئىقتىدارلىق قول تېلېفونلىرىنىمۇ بىخەتەر دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىم كۆرۈلگەن ئاندرويىد تېلېفونىغا سۇقۇنۇپ كىرىش ئەھۋالىنىڭ خاراكتېرى ۋە بۇ بۇزغۇنچى پروگراممىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن قارىغاندا، بۇنى ھەرگىزمۇ شەخسى بىر خاككىرنىڭ قىلغان ئىشى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «سىتىزىن لەب» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى رون دېيبېرت فوربېس گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا «بىز گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇۋالمىغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ بارلىقى ئېنىق. بىز ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ بۇ خىل جاسۇسلۇق پروگراممىسى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باشقا ھېچكىمگە نىسبەتەن بىر قىممىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يېقىندىن بۇيان تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىر «ئالما»، «سامسۇڭ»، «گوگېل» قاتارلىق ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرى بەس-بەستە بازارغا سېلىۋاتقان كۆپ خىل ئىقتىدارلىق تېلېفونلار ياكى «ئەقىللىق تېلېفون» دەپ ئاتىلىۋاتقان قول تېلېفونلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى يارىتىپ، كەم بولسا بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى. بۇ خىل تېلېفونلارغا قاچىلىنىدىغان «ئاپپ» پروگراممىلىرى تېلېفونلارغا قاچىلانغاندىن كېيىن تېلېفونغا ھەرخىل ئىقتىدارلارنى قوشۇپ، ئۇنى تېخىمۇ قوللىنىشلىق قىلىدۇ. ئەمما ئاندورويىد تېلېفونىغا قىلىنغان ھۇجۇم دەل كاكاۋ دەپ ئاتىلىدىغان ئاپپ يەنى بىر سۆزلىشىش پروگراممىسىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قىلىنغان.

ئوبۇلقاسىم ئەپەندى تېلېفونغا بۇ خىل پروگراممىلارنى چۈشۈرگەندە پروگراممىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن پروگراممىلارنى ئىشلەتكەندە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتايدىن كېلىۋاتقان تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئېشىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. ئامېرىكا يېقىندا خىتايدىن كېلىۋاتقان تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى بىر قەدەم ئېلىپ، تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىتاي ۋە ياكى خىتايغا چېتىشلىق ھېچقانداق بىر شىركەتتىن تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالماسلىقنى قارار قىلغان ئىدى.