ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە
2017.11.08

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىي باشلاندى. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىنى كۆرۈپ يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىلىۋاتقان بولغاچقا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى، شى جىنپىڭ ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باستۇرۇشى قاتتىق ئېغىرلاشقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغان ئىنتايىن مۇھىم پۇرسەت، دەپ قارىماقتا.
شۇڭا ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى پرېزىدېنت ترامپقا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە مۇئاۋىن باشلىقى كىرىس سىمىسمۇ پرېزىدېنت ترامپقا مەكتۇپ يوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.
ئۇلار مەكتۇپىدا، پرېزىدېنت ترامپنى تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاگاھلاندۇرغان. بىرىنچىسى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى. ئۇلار ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەنپەئەتلىرىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىگە قارشى تۇرىدىغان ئاماللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە چاقىرغان. ئىككىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى قاچان خىتايدىكى ئەدلىيە سىستېمىسى ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئادىللىق جەھەتتە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە يەتمىگۈچە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك. ئۈچىنچىسى، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى قوغداشنى ئامېرىكانىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپى قىلىش. تۆتىنچىسى، خىتايدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغداش ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئازاد قىلىنىش مەسىلىسىگە جىددىي قاراش. بۇ ماددا ئىچىدە، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭمۇ ئىسمى يەر ئالغان بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتى جياڭ تىيەنيۇڭ، تاڭ جىڭلىڭ، ئىلھام توختى، گاۋ جىشىڭ، ليۇ شيا قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئالاھازەل 1400 نەپەردىن ئارتۇق سىياسىي جىنايەتچى بار دەپ تەخمىن قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
باياناتتا بەشىنچى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنسۇئېلا پرېزىدېنتى، دىكتاتور نىكولاس مادۇرۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقى، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ ياردەمنى توختىتىش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم قىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇلار باياناتىدا خەلقئارا قانۇنلارغا، دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر خىتاينىڭ مەيدانغا كېلىشى، خىتاي خەلقى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تېنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق، دېگەن.
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىممۇ ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئاقىۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى :
«مەنچە، يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەرقانداق بىر دېموكراتىك ھۆكۈمەت شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ مەسىلىلەرنى پەقەت بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر ئىستراتېگىيە مەسىلىسى دەپ قاراش كېرەك. ‹ئەركىنلىك سارىيى› كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق-بىر ئىستراتېگىيىلىك خاتالىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلسە، ئۇ خىتاي پۇقرالىرىغىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكى، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى. خىتاي ‹ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى قانۇنى› نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئالدى. ئۇ خىتايدىكى نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە جۈملىدىن ئامېرىكا ئىقتىسادىغا مىلياردلارچە دوللار زىيان سالدى. مانا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاي خەلقىگە زىيان بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئامېرىكا خەلقى ۋە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئادەتتە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تىۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئادەتتە تىۋىتتېر تورىغا ناھايىتى كۆپ ئۇچۇر يوللايدىغان پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايدا تىۋىتتېر چەكلەنگەن بولغاچقا تىۋىت قىلالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، تىۋىت قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايدا ھېچكىمنىڭ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتايدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان تۆۋەندىكى 4 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار، شىمالىي كورېيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ خىتايدىن قايتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن «تېررورچى» مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشى، ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋە شۇنداقلا تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانىڭ ئازاد قىلىنىشى.
باياناتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسىمدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەگەر سىز بىر ئۇيغۇر بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز ھەرەمگە ئۆز ئالدىڭىزغا ھەجگە بارغانلىقىڭىز ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىنىشىڭىز مۇمكىن. يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر ئېلىدە ‹رادىكاللىقنى تۈگىتىش مەركىزى› ياكى ‹سىياسىي ئۆگىنىش مەركىزى› ۋە ‹تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىش مەركىزى› قاتارلىق نۇرغۇن مەركەزلەرنىڭ ئېچىلغانلىقى مەلۇم. بۇ مەركەزلەردە ئۇيغۇرلار 6-12 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، خىتاي سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆيىدە دىنى كىتاب ساقلىغانلىقى ياكى چەتئەلدە تۇغقىنى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئورۇنلارغا سولانغان. خوتەن قاتارلىق بەزى يەرلىك دائىرىلەر چىقارغان ئۇقتۇرۇشلاردا ھەتتا تاماكا چېكىشنىڭمۇ رادىكاللىق قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ياكى رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش دېگەن ناملار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ئارقىلىق مەلۇم بىر گۇرۇپپا خەلقنى نىشان قىلدى. مەنچە تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق دېگەن تېرمىنلار مەنە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان ۋە خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تېرمىنلار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تېرمىنلارنى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ۋە قانۇنلۇق نارازىلىقلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلدى،» دېدى.
ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك، پرېزىدېنت ترامپنى خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم تەكىتلەشكە چاقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بەك قىزغىن بولمىغان دونالد ترامپنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدىمۇ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلار بار. ئەمما ئۇلار مەيلى ئۇ بۇ مەسىلىنى خىتايدا ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالسۇن-ئالمىسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم پرىنسىپى بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.