بىرقانچە ئايدىن بېرى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا، ئۈرۈمچىدىكى تۇمارىس مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ۋە «شاۋكەت كۆن-خۇرۇم شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى شاۋكەت ئابلەتنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بىرنەچچە ئايدىن بېرىقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، شاۋكەت ئابلەتنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىنىسى، شۇنداقلا مەزكۇر زاۋۇتنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى ئابلىكىم ئابلەتنىڭ تۈرمىدە، بىر سىڭلىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىشەنچلىك مەنبەلەر تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.
بۇ يىل 4 -ئايدا رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئۇچۇردا ئۈرۈمچىدىكى تۇمارىس مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى، بۆرتالادىكى «شاۋكەت كۆن خۇرۇم شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى شاۋكەت ئابلەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. بىز ئەينى چاغدا تۇمارىس مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا، مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەت ئىشلىرى مەسئۇلى شاۋكەت ئابلەتنىڭ تۇتۇلمىغانلىقى ۋە نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
سوئال: مۇشۇ مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى ھازىر قەيەردە
خادىم: ئۈرۈمچىدە.
سوئال: قايسى ئورۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىنمۇ؟
جاۋاب: ياق، شياۋ دوڭ (شاۋكەت مۇدىر) بار، ھېچكىم تۇتمىدى.
سوئال: تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەن گەپمۇ؟
جاۋاب: ياق تۇتۇلغان ئىش يوق، ھەر كۈنى ئىشقا كېلىۋاتىدۇ.
سوئال: سىزنىڭ مېھمانخانىدىكى ۋەزىپىڭىز نېمە؟
جاۋاب: مەن شاۋكەت ئابلەتنىڭ ياردەمچىسى، كاتىپى.
سوئال: شاۋكەت ئابلەتنىڭ قېرىنداشلىرىدىن تۇتۇلغانلار بارمۇ؟
جاۋاب: خەۋىرىم يوق، سوراپ بېقىشىم كېرەك.
ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە، يەنى 7 -ئاي كىرگەندە شاۋكەت ئابلەتنىڭ ۋە بىرنەچچە قېرىندىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى. بۇ قېتىم تۇمارىس مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا، مۇلازىمەتچى خادىملار، شاۋكەت ئابلەتنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
سوئال: شاۋكەت ئابلەت قايسى تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟
جاۋاب: مەن بىلمەيمەن
سوئال: قاچاندىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟
جاۋاب: بۇ باش ئاپپارات، بۇ ئىشلاردىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق.
سوئال: تېلېفوننى مۇلازىمەت باشلىقىغا بېرىڭ، شۇ ياقتىن سوراپ باقايلى.
جاۋاب: بولىدۇ، ساقلاپ تۇرۇڭ.
سوئال: شاۋكەت ئابلەت قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟
جاۋاب: بىلمەيمەن.
سوئال: شاۋكەتنى سىز كۆرمىگىنى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
جاۋاب: مەن يېڭى كەلگەن بىلمەيمەن.
شاۋكەت ئابلەتنىڭ ئائىلىسى ۋە تىجارەت ئىشلىرىدىن يېقىندىن خەۋىرى بولغان، نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بىر كىشى، شاۋكەت ئابلەتنىڭ ئىنىسى ئابلىكىم ئابلەتنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا قازاقىستاندىن يۇرتىغا قايتقانلىقى ۋە يېقىندا ئاتالمىش باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە شاۋكەت ئابلەت نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن، خەلقئارا كۆن-خۇرۇم سودىسىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر سودا كارخانىچى بولۇپ، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن سىدىق ئابلەت ۋە ئابدۇرېشىت ئابلەتلەرنىڭمۇ نۆۋەتتە نەدە ئىكەنلىكى ۋە قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.