تۇڭگان شائىرى ئەن رەن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سوراققا تارتىلغان
2018.04.10
ئەن رەن تەخەللۇسىدىكى شېئىرلىرى بىلەن خىتايدا تونۇلغان شەندۇڭلۇق تۇڭگان شائىر سۇي خاۋشىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 8-ئاپرېل كۈنى جىڭگانشەن ئايرودرومدا خىتاي دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىرنەچچە سائەت سوراق قىلىنغانلىقىنى، گەرچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى يەنىلا خەتەر ئىچىدە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس، ئۆزۈمنى يەنىلا خەتەر ئىچىدە ھېس قىلىۋاتىمەن. ئايرودرومدا يۈكلىرىمنى ئاختۇرۇپ، مېنى سوراق قىلغان ئىككىيلەن، يەنى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ھازىر يېنىمدا يوق. بۇنىڭدىن غەيرىيلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. بەزى دوستلىرىم مېنىڭ قارا تىزىملىكتىكى كىشى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى. مەن بۇنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق بەك جىق سۆزلەشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتىمەن. يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللاردىن ئۆزۈمگە بولغان ئەندىشەم تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.»
ئەن رەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنى سوراق قىلغان پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ۋە ئۇلارنى بۇ قېتىم جىڭگانشەندىكى پائالىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن بېيجىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىكىلەر ئۇنىڭغا سوراق قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن. سوراقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەن رەنگە بولغان مۇئامىلىسىمۇ بارغانچە قاتتىقلاشقان. بۇ ئەھۋال ئۇنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغان.
ئەن رەن مۇنداق دېدى: «بىزنى بۇ قېتىم ‹جىڭگاڭشەندىكى قىزىل تەربىيە› زىيارىتىگە ئېلىپ كەلگەن لۇ شۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ خادىملىرى ۋە ئىككى ئايلىق ‹ئاز سانلىق مىللەت شائىر-يازغۇچىلار تەربىيە كۇرسى› نىڭ سىنىپ مۇدىرىمىز مېنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنىش سەۋەبىم توغرۇلۇق ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى. ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئىنتايىن ناچار. ئەسلى جىڭگاڭشەندىكى 6 كۈنلۈك زىيارەتتىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ 28-ئاپرېلغىچە كۇرسىمىز داۋاملىشاتتى. ئەمما ھازىر ئۇلار مېنى بۇ يەردىن يالغۇز قايتىپ كەت دەۋاتىدۇ. ھەتتا 9-ئاپرېل دۈشەنبە ئەتىگەن سىنىپ تەربىيەچىمىز بىلەن تاكاللىشىپمۇ قالدىم. ئۇ مېنى تاغ ئارىسىدىن ئۆزۈم يالغۇز كېتىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن سىلەر قانداق ئەكەلگەن بولساڭلار شۇنداق يولغا سېلىڭلار دېدىم. چۈنكى ئەگەر يالغۇز قايتسام يەنە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ مېنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىپ غايىب قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىمەن.»
شائىر ئەن رەندىن ئۇنىڭ ئايرودرومدا تۇتقۇن قىلىنىپ بىر كېچە سوراق قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ يېقىندا نەشر قىلىنغان «مېنىڭو غەربىي قوۋۇقۇم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرنەچچە پارچە شېئىرى ۋە بۇ يىل 28-مارت كۈنى «بىز» ناملىق شېئىرىيەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ شېئىرىيەت تۇيغۇم» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىتلىگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
«نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ مېنى تۇتقۇن قىلىپ سوراق قىلىشىغا، ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈم ۋە مۇھەببىتىم ئىپادىلەنگەن شېئىرلىرىم ۋە ماقالەم سەۋەب بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بىز تۇڭگانلاردا ئەجدادىمىز غەربىي دىياردىن كەلگەن دېگەن قاراش بار. مەندىكى يىلتىزىمنى ئىزدەش تۇيغۇسى، دىنىي قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن بىز تۇڭگانلارغا يېقىن كۆرگىنىم، ماقالەمدە ئۇيغۇر تىلى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان سۆيگۈمنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىم، بولۇپمۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا بولغان تەنقىدىم قاتارلىقلار سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. ئەمما مەن تەشەببۇسلىرىمدا قوش تىللىق بولۇشنى يامان دېمىگەن. پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مىللىي مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدىم.»
ئەن رەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىش تۇيغۇسى سەۋەبلىك ئۇ ئۇيغۇر مەشرەپ-مۇقاملىرى ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىك› قاتارلىق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغان. ئۇ 2007-يىلى ياز پەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا 3 ئايغا يېقىن مەخسۇس زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى كېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىش ئادەتكە ئايلانغان. ئۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان بەزى يازمىلىرى سەۋەبلىكمۇ ئىلگىرى يۇرتى شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىكەن.
ئامېرىكا جورجىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىسى ۋە تۇڭگان پائالىيەتچىسى سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى 8-ئاپرېل كۈنى تىۋېتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، شائىر ئەن رەننىڭ جىڭگاڭشەندە ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.
سۇلايمان يىگۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۇڭگان شائىرى ئەن رەننىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ قەدەر ئەندىشىگە سېلىپ، ساقچىلارنىڭ ئۇنى سوراق قىلىشىغا ئەن رەندىكى دىنداش قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق سەۋەب بولغان ئىكەن.
سۇلايمان يىگۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاۋۋال ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىغا ئاپىرىپ، سىياسىي تەربىيە كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپتۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹ئەدەبىيات-سەنئەت سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك› دەيدىغان نەزەرىيەسى شۇنداقلا شى جىنپىڭ دەۋرىدە يەنە كۈچەيتىلىۋاتقان كومپارتىيەنىڭ مېڭە يۇيۇش ئىستىلىدۇر. ئەمما ئەن رەن باش ئەگمىگەن، ئۇ لۇ شۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىكى ئىككى ئايلىق سىياسىي كۇرستىن كېيىن يازغان ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن. مانا بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى شېئىر ۋە يازمىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى تاكى جىڭگاڭشەنگە قەدەر قوغلاپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.»