تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: شەرقى تۈركىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدۇر

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەت دولقۇنى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقنى تەكىتلىگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئىشغالىيىتى بىلەن تەڭ بۇزۇلغان تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.