ئىگىلىشىمىزچە، 9 - ئۆكتەبىر سەھەر گۋاڭشىنىڭ پىڭشياڭ تۈرمىسىدىكى ساقچىلار 9 ئايدىن بۇيان مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 21 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ئابدۇللاجاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلغان.
ئابدۇللاجاننىڭ تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق دادىسى ئابدۇلمەننان رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېغىر ھەسرەت ئىچىدە ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئابدۇللاجان 18 يىلدىن بۇيان يۈز كۆرۈشمىگەن دادىسى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ بېشىدا سەپەرگە ئاتلانغان.
ئابدۇلمەننان بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇن يۇرتى يەكەندىن ئايرىلىپ، مۇھاجىرەتتە ياشىغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاجان شۇ چاغدا ئاران 3 ياشتا بولۇپ، بوۋا - مومىسىنىڭ تەربىيەسىدە قالغان.
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇلمەننان يەكەندە قالغان ئوغلى ئابدۇللاجاننىڭ تۈرك ۋەتەنداشلىق رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ ئەۋەتىپ بەرگەن. ئابدۇللاجان مۇشۇ رەسمىيەتلەر بويىچە بېيجىڭدىكى تۈرك ئەلچىخانىسىدىن قانونلۇق تۈركىيە پاسپورتىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئابدۇللاجاننى تۈرك پاسپورتى بىلەن چېگرادىن چىقىشقا يول قويمىغان. ئامالسىز قالغان بۇ ئائىلە ئوغلىنىڭ قاچاق يول بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋېيتنامغا بېرىشىنى، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە كېلىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئابدۇللاجان ئاخىرى دادىسى ئابدۇلمەننان بىلەن بۇ يىل 1 - ئايدا ۋېيتنامدا ئۇچراشقان. تۈركىيەدىكى باشقا 3 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرمۇ مۇشۇ يول بىلەن بالىلىرىنى ئەكىلىش ئۈچۈن ۋېيتنامغا بىللە كەلگەن.
27 - يانىۋار كۈنى ئۇلار خانوي خەلقئارا ئايرودرومىدىن تۈركىيەگە ئۇچىدىغان چاغدا ۋېيتنام ساقچىلىرى ئابدۇللاجاننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەرگە ئاتلانغان ۋە قانۇنلۇق تۈرك پاسپورتى كۆتۈرگەن قالغان 3 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى بىراقلا تۇتقۇن قىلغان.

ۋېيتنام ساقچىلىرى شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تۈركىيە ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، سومكىلىرىنى ئاقتۇرغان. ئويلىمىغان يەردىن ئابدۇللاجاننىڭ 3 نەپەر سەپەردىشىنىڭ سومكىلىرىدىن خىتاي كىملىكى چىقىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن ۋېيتنام ساقچىلىرى 4 نەپەر تۈركىيە پاسپورتى كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلغان.
ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلار ۋېيتنامدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە گۋاڭشىنىڭ پىڭشياڭ تۈرمىسىگە سولانغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان.
ئارىدىن 9 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى تۆنۈگۈن خىتاي ساقچىلىرى ياش ئابدۇللاجاننىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرغان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
