بىر تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ غۇلجىدىكى قىسمەتلىرى
2013.04.18

ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىدىن بىرى. بولۇپمۇ تۈركولوگ ۋە تارىخچىلار ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى بەكلا ئارزۇ قىلىدۇ. بۇلاردىن بىرى ئالتايشۇناس ياش مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندىدۇر. ئۇ موڭغۇلىيىدە موڭغۇل تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن شىبە تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا بارغان. مىڭ تەسلىكتە خىتاي ۋىزىسىنى ئېلىپ غۇلجىغا بارغان مەزكۇر تۈرك ئوقۇغۇچى غۇلجىدا بىر شىبەنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قايتىپ كەلگەن. بىز ئۇنىڭ غۇلجىدا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر: سىز غۇلجىغا قاچان بېرىپ قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟
جاۋاب: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا غۇلجىغا ئاران بارالىدىم. چۈنكى ۋىزا رەسمىيەتلىرىم بەك ئۇزۇن سۈرۈلدى. غۇلجىغا بېرىشىم خىتايلارنىڭ بىر بايرىمىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا بىر ھەپتە ۋاقتىم بىكار كەتتى. 10-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس باشلىدۇق. تۈركىيىگە 2013-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم.
مۇخبىر: غۇلجىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇپسىز، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
جاۋاب: مەن دۇچار بولغان ئەڭ زور قىيىنچىلىق ئىلى ساقچى ئىدارىسىدىن ئوقۇغۇچىلىق تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىش ئىدى. بۇ رەسمىيەت بەكلا ئۇزۇن سۈرۈلدى. مەن مەكتەپكە شىبە تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. ئەمما ماڭا كەلگەن تەكلىپنامىدە خىتايچە ئۆگىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىكەن. مەن بۇنىڭغا تازا دىققەت قىلماستىن، خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ۋىزا ئېلىپ غۇلجىغا باردىم. خىتاي قانۇنى بويىچە بىر ئاي ئىچىدە ساقچى ئىدارىسىدىن تۇرۇش كىنىشكىسى ئالمىسام، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەنمەن. غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە بارسام، مەكتەپكە شىبە تىلى ئۆگىنىمەن دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇپسەن، تەكلىپنامىدە خىتايچە ئۆگىنىدۇ دەپ يېزىلىپتۇ. شۇڭا سېنىڭ شىبە تىلى ئۆگىنىشىڭگە رۇخسەت يوق دېدى. دۇنيانىڭ ھېچقانداق دۆلىتىدە ئوقۇغۇچى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئىچىدە نېمە ئۆگىنىدىغانلىقىغا ساقچى ئارىلىشالمايدۇ. مەن ساقچىلار بىلەن كۆپ گەپ تالاشماي مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلىشقا تىرىشتىم.
مۇخبىر: مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ ھەل قىلىپ بەردىمۇ؟
جاۋاب: مەكتەپ رەھبەرلىرى ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئەمما ئۇلارمۇ شىبە تىلى ئۆگىنىدۇ دەپ ۋىزا ئېلىپ كەلسەم ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمنى، قايتا ۋىزا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايچە ئۆگىنىدۇ دەپ تىزىملىتىپ، شىبەچىنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى،دېدى. بۇ مەنچە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر پىكىر. شۇنىڭ بىلەن شىبە تىلىنى ئۆگىنەلمىدىم. پۈتۈن ئارزۇلىرىم سۇغا چىلاشتى. مەكتەپتە شىبە ئوقۇغۇچىلارنى تېپىپ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىشكە تىرىشتىم. سىزگىمۇ مەلۇم، شىبەلەر ياشايدىغان چاپچال ناھىيىسى غۇلجا شەھىرىگە 15-20 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا، ئۇ يەرگە بېرىشنى خالايتتىم. ئۇ يەردىكى شىبەلەر بىلەن سۆزلىشەي دېگەن ئىدىم. ئەمما چاپچالغا بېرىشىم ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئالالمىدىم. بىر ھەپتە ئاخىرىدا غۇلجا پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار مېنى چاپچالغا ئاپاردى. چاپچالدا ئىككى سائەت ئايلىنىپ، بىر شىبە بىلەنمۇ سۆزلىشەلمەي قايتىپ كەلدىم. ھازىر دۇنيادا بىر ئادەم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كومپيۇتېرنى ئېچىپلا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. بۇنداق تەرەققىي قىلغان بىر چاغدا غۇلجىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقىلگە سىغمايدىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلماقتا.
مۇخبىر: سىز غۇلجىغا شىبە تىلى ئۆگەنگىلى بېرىپ بىر شىبەنىمۇ كۆرەلمەي قايتىپ كەلدىم، دەيسىز. سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزنى توسۇپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكەن؟ ئۇقۇپ باقتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: بۇ توغرىلىق مەن مۇنۇلارنى ئىگىلىدىم. ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قازاقىستاندىن خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توختامنامىگە ئاساسەن كەلگەن بولسىمۇ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا مەسىلىلىرىمۇ بار ئىدى. مەكتەپ رەھبەرلىرى سەن ئۈرۈمچى، بېيجىڭ شاڭخەي ۋە شىئەنگە ئوخشاش شەھەرلەردە ئوقۇساڭ بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولمايسەن، غۇلجا قازاقىستان بىلەن چېگرىداش بولغاچقا بۇ يەرگە كەلگەن چەتئەللىكلەرنى مۇشۇنداق چىڭ تۇتىدۇ دېدى. مەن چاپچالغا بېرىپ شىبەلەر بىلەن كۆرۈشەي ياكى بىرىنى غۇلجا شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكىلەي دېسەم. بېزىلەر غۇلجىغا يېڭى ھاكىمنىڭ تەيىنلەنگەنلىكى، چاپچالدىن بىرى غۇلجا شەھىرىگە كەلمەكچى بولسا، ساقچى ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى دېدى. بۇ بىر كوچا خەۋىرىمۇ دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما ساقچىلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا قاراپ، راست بۆلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
مۇخبىر: سىز تۈرك بولغاچقا بۇلار بېشىڭىزغا كەلگەن بۆلىشى مۇمكىنمۇ؟
جاۋاب: ئىلىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى قازاقىستانلىق ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى. ۋىزا جەھەتتىن بۇ ئوقۇغۇچىلار مەندەك قىيىنچىلىق تارتمىدى. مەن تۈركىيىدىن كەلگەن تۈرك بولغاچقا بۇلار بېشىمغا كەلدى. بۇنى غۇلجىلىق ئۇيغۇرلار ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ماڭا ئېيتتى. سەن تۈركىيىدىن كەلدىڭ، شۇڭا بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ساڭا قىيىنچىلىق چىقىرىۋاتىدۇ دېدى. ئەمما مەن ئۇلارغا شۇنى دېدىم، بەلكى تۈركىيىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان بىرلا مەن بولۇشۇم مۇمكىن. خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى مېنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بۇنداق بىر چاغدا خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ساراڭمۇ مەن دېدىم.
مۇخبىر: سىزنىڭ بۇ شىبە تىلى ئۆگىنىشىڭىزدىكى مەقسەت نېمە؟
جاۋاب: ئالتاي تىللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار، يا موڭغۇل تىلى ياكى تۈرك تىلىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىۋاتقانلار بەكلا ئاز. ئالتاي تىللىرى 3 گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. بۇلار تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى، موڭغۇل تىللىرى گۇرۇپپىسى ۋە مانجۇ تىلى گۇرۇپپىسى. مانجۇ تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار دۇنيادا بەك ئاز، تۈركىيىدە پەقەتلا يوق. مانجۇ تىلى بىر ئىمپېرىيىنىڭ تىلى. مانجۇ تىلى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ بەك ئاز قالدى. مانجۇ تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل شىبە تىلى بولغاچقا، شىبە تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن غۇلجىغا بارغان ئىدىم، ئەپسۇسكى بېشىمغا كەلمىگەن قىيىنچىلىق قالمىدى. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمەنكى، تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىلى ۋىلايىتى تېپىلماس بىر جاي. چۈنكى بۇ يەردە كۆپ ساندا تۈركىي تىلى ئىشلىتىلىدۇ. تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر جاي.