قەيسەرىدىكى ھۆرىيەت مەيدانىدا «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئېچىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئارگىنجىق شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قەيسەرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت مەيدانىدا «ھەق، ھوقۇق ۋە ئادالەت، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

كۆرگەزمىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ دىنىي بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدىكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ۋە ماقالىلەر كۆپەيتىپ قويۇلغان. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئېلى ئىپەك بۇ كۆرگەزمىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قان ئاقماقتا. قوشنا دۆلەت سۈرىيەدە بوۋاقلار، بىگۇناھ ئاياللار ئۆلتۈرۈلمەكتە. بۇلار تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ھالدا ئورۇن ئالماقتا. ئەپسۇسكى، بىزدىن بەكلا ئۇزاقتا بولغان شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېتەرلىك شەكىلدە ئورۇن ئالمايۋاتىدۇ. تېخى ئىككى-ئۈچ كۈن بۇرۇنلا قاغىلىقنىڭ يىلقىچىقى يېزىسىدا 28 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى. بىز بۇلارنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز.

ئۇ، كۆپ ساندا مۇخبىرمۇ قاتناشقان بۇ كۆرگەزمىنىڭ يەكشەنبە كۈنىگىچە ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ۋەتەنداشلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا چاقىردى.

بىز كۆرگەزمە توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» ماۋزۇلۇق كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئابدۇقادىر ئەپەندى سۆزىدە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى تونۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ تۈرك خەلقى ئارىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ،تۈرك ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇقادىر ئەپەندى يەنە، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىنى تەنقىدلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئارقىلىق، ئەركىن تارىمنىڭ ئابدۇقادىر تۈمتۈرۈك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.