سېرىقبۇيا ۋەقەسى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

23 - ئاپرىل كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمەتنى خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرغان. پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوغاننىڭ رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغان بۇ ھەپتە ئالدىمىزدىكى ھەپتە سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوغان ئەپەندى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىكى خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ۋە زۇلۇمى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى تۈرك ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك مۇسۇلۇمان ئۇيغۇر خەلقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. خىتاينىڭ ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

سىنان ئوغان ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە سېرىقبۇيا ۋەقەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەپتە ۋە كېلىدىغان ھەپتىدىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز. بۇ مەسىلىگە تۈرك ھۆكۈمىتىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.»

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەگە كېلىپ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات سۇنغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.