دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قەيسەرىدە، «ئۆتۈكەن» ژۇرنىلى تۈركىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەرزۇرۇم شەھىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، باش كاتىپى ئابدۇلھەكىم سەلچۇق، مۇئاۋىن رەئىس ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، «كۆكبايراق» ژۇرنىلى تەھرىرى دۇرسۇن سۈيدۈنلۈ قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 10-يانۋار كۈنى قەيسەرى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى. ھەيئەتنى قەيسەرى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋەلى ئالتىنقايا ئەپەندى قىزغىن كۈتۈۋالدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋەلى ئالتىنقايا ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە كۆكبايراق ژۇرنىلى تەقدىم قىلدى. ئارقىدىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىي دىنچى، بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەپ قەتلى قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنى دۇنياغا تېررورچىلىق ۋەقەسى دەپ ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ 64 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان خىتاينىڭ بۇ مۇستەملىكە سىياسىتىگە بويۇن ئەگمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تور گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
11-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئەرزۇرۇم شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان لالاپاشا مەسچىتىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. «ئۆتۈكەن» ژۇرنىلىنىڭ ئەرزۇرۇمدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشتا مۇخبىرلارغا مەتبۇئات باياناتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئۇلار باياناتتا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى، سەيىدىيىلەر دۆلىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئىگە بولغان تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەكىتلىدى. ئۇلار مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە تۈرك ھۆكۈمىتىنى تىلى ۋە دىنى ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا، تۈركىيەنىڭ بايرىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش مەيدانىدىن ئۇزاقلاشتى. بۇ پائالىيەت تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى.