خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۈركىيىنىڭ قىرىققەلئە شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنى بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكى خۇسۇسەن ئۇيغۇر ئەرلەردىن ساقال قويغان ۋە ئاياللاردىن يۈزىنى يۆگىگەن ياكى ئۇزۇن ۋە كەڭ ئىسلامى كىيىم كەيگەن مۇسۇلمان ئاياللارنى تۇتۇپ تۈرمىگە قامىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇنىڭغا قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان نارازىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى بىلەن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر ۋە ئوبزۇرلار ئېلان قىلىنماقتا، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس پروگراممىلار تارقىتىلماقتا. تۈركىيىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا نامايىش ۋە يىغىن، رەسىم كۆرگەزمىسى دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلغان «قىرىققەلئە قېرىنداشلار جەمئىيەتلەر ۋە فوندلار بىرلىكى»رەئىسى ئەخمەت ياقار ئىسىملىك كىشى، رامىزان ئېيىدا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىك سەۋەبىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم، زۇلۇمنىڭ يېڭىدىن باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
«قىرىققەلئە قېرىنداشلار جەمئىيەتلەر ۋە فوندلار بىرلىكى» تەرىپىدىن قىرىققەلئە جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەيبلەندى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا شۇئار توۋلىدى. نامايىشچىلاردىن بىر قانچە كىشى قوللىرىغا زەنجىر باغلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا دىنى بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئەخمەت ياقار ئەپەندى مۇنداق دېدى: خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلمىدى، خۇسۇسەن روزا تۇتۇشنى ۋە ناماز ئوقۇشنى چەكلىدى. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلىدى.
«قېرىنداشلار جەمئىيەتلەر ۋە فوندلار بىرلىكى»نىڭ رەئىسى ئەخمەت ياقار ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركسىتاندا شېھىت قىلىنغان، تۈرمىگە تاشلانغان، قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كېتىۋاتسا، بۇ زۇلۇمغا سۈكۈتتە قېلىش ئىنسانىيەت ئۈچۈن چوڭ بىر جىنايەت. خىتاي ھاكىمىيىتى ئىسلام دىنىنى دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن چەكلىمە قويىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ دىنى ئېتىقاد، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەردە خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلماستىن ھەقلىق بولغان داۋا يولىدا ئۆزلىرىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

14 - ئاۋغۇست رابىيە كۈنى پائالىيىتى
14 - ئاۋغۇست دۇنيا رابىيە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا رابىيە مۇنبىرى تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا تۈركىيەنىڭ 81 شەھىرىدە يۈرۈش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نامايشلاردا مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئاراقان قاتارلىق رايونلاردا ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
نامايىشتا تۈركىيە ياش كادىرلار ئۇيۇشمىسىئىنىڭ رەئىسى ئەيۇپ بەيخان ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، 14 - ئاۋغۇست دۇنيا رابىيە كۈنىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان تارىخى كۈن ئىكەنلىكىنى، رابىيە پەقەت مىسىردىكى بىر مەيدانغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر سىمىۋولغا ئايلانغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىلى 14 - ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا رابىيە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. رابىيە كۈنى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە، ئوخشىمىغان دىنلارغا، ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ مەزلۇملارغا زۇلۇم قىلىپ ئىنسانپەرۋەرلىكنى يوق قىلغان زالىملارنى قاراباسقان كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا رابىيە كۈنى نامايىش پائالىيىتىدە خىتاينىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا رابىيە مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلەيمىز
«ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بېسىم سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئىجرائاتلىرىنى نەپرەت بىلەن ئەيبلەيمىز ۋە تەنقىد قىلىمىز، پۈتۈن تۈركىيەنى، ئىسلام جۇغراپىيىسىنى، تۈرك دۇنياسىنى بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى ئەيبلەشكە، بۇنىڭغا قارشى دۇنيا دۆلەتلىرىنى تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىمىز.
قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىكى مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جامئىيلەردە ئىبادەت قىلىشنى چەكلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كەڭ تۈردە داۋام قىلىۋاتقان يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈردى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدە رەسمى رەقەملەرگە قارىغاندا 96 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ئەمما بىزنىڭ تەخمىن قىلىشىمىزچە بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، يەنى يۈزلەرچە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۇ يەردە شېھىت قىلىندى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى نەپرەت بىلەن ئەيبلەيمىز. پۈتۈن تۈركىيىنى، ئىسلام جۇغراپىيىسىنى، تۈرك دۇنياسىنى بۇ ۋەھشيىلىكنى ئەيبلەشكە، تەنقىد قىلىشقا بۇنىڭغا قارشى دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنى تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىمىز.
خىتاينىڭ ئىقتىسادى ساھەدە دۇنياغا كېڭىيىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەرگە بۇنچىۋالا ئېغىر دەرىجىدە بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەخمەت ياقار ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، قىرىققەلئە قېرىنداش جەمئىيەت ۋە فوندلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدىن، مۇسۇلمان تۈركلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقىشقا دەۋەت قىلىمىز، دېدى.
نامايىشچىلار ئۇيغۇر دىيارىدا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇدى. بۇ نامايىش توغرىسىدا تۈركىيىنىڭ كۆپلىگەن رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىدە خەۋەرلەر تارقىتىلدى.