تۈركىيەنىڭ بولۇ شەھىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «تېخنىكىلىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاپ، مىليونلاپ كىشىنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارغا قارىتا ئىسلامىي دىنى ئېتىقادى ۋە ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىدىن تاندۇرۇشتەك مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدىكى ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدىكى شۆبىسى تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بولۇ شەھىرىدە خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

23-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكانى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

قوللىرىدا «ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىمىز، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان، ھۆكۈمەت ئۇخلىما شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىق، ھەق، ھوقۇق، ئادالەت شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن 500 ئەتراپىدا نامايىشچى بولۇ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغىچە بىر كىلومېتىر يول مېڭىش جەريانىدا ھەممە بىردەك «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، ھەق ۋە ھوقۇق، ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان، قاتىل كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

ئارقىدىن ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى بولۇ شۆبىسى رەئىسى فەتھى سارىمساقچى ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دەپ بايانات بەردى: «خىتاينىڭ ئەقىل، ئىپپەت، نومۇس، دىنىي ئېتىقاد ۋە مائارىپ جەھەتتىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىغا ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› نامىدا يېڭى بىرى قوشۇلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى 2018-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا خىتايدا شەرقىي تۈركىستاندا ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى».

فەتھى سارىمساقچى ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 9-ئايدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلماقتا. ئون مىڭلىغان كىشى تۈرمىلەردە ياتماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكانى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن پائالىيەت توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن كۈتكەن مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكانى ئەپەندى 24-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى قىرىم تاتارلىرى جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكىمۇ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

ئۇ يەنە 25-نويابىر كۈنى كەچتە «ئاقىت تېلېۋىزىيەسى» دە «جازا لاگېرلىرى» ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيىتى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن. ئابدۇسالام تەكلىماكانى بۇ ھەقتىمۇ توختالدى.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ داۋاملىق ھالدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى تەنقىد قىلماقتا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا چاقىرماقتا. بۇلار ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشىغا يول ئاچارمۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە تەرەپنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ قىيىندەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسىدە رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ياشلار تەشكىلاتى ئىكەن.