ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا «مۇجاھىد»، «مۇھەممەد»، «باغدات»، «تۈركىزات»، «سۈرىيە»، «مەدىنە» قاتارلىق 29 خىل ئىسىمنى قويۇشنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى ئەيىبلىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ مەسئۇلى مۇستافا يەنەروغلۇ ئەپەندى، 26-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « خىتاينىڭ ‹دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش› دېگەن نامدا دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقىغا خىلاپ، خىتاي بۇ بەلگىلىمىنى بىكار قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
يەنەروغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرگە يېڭى بىر چەكلىمىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مۇسۇلمان ئىسمى قويۇشنى چەكلىگەنلىكىنى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئېغىر شەكىلدە جازالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنلىكىنى، بۇلاردىن سىرت، مۇسۇلمانلارنىڭ سىمۋولى بولغان ئاي-يۇلتۇزنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئىنسانىي ياردەم فوندى» باياناتچىسى ئوسمان ئاتالاي ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ مىللىي ۋە مۇسۇلمان ئىسىملىرىنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا بېرىشىنى چەكلىشىنى ئەيىبلەش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش. ئەسلىدە ھەر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تىلى، دىنى ناھايىتى مۇھىم. بۇلار ئىنسان دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا بېرىلگەن ھەقلەردۇر. 21-ئەسىردە بۈگۈن دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا بۇنداق بىر نەرسە يوق. بۇنى پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇنداق بىر بايانات ئېلان قىلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتايغا بارىدىغانلىقىنى، ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يازما دوكلاتلارنى مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە ئورگانلارغا بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئوسمان ئاتالاي ئەپەندى ئىنسانىي ياردەم پوندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە داۋاملىق دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تەييارلىغان ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتلىرى بار. بىز داۋاملىق بۇ خىل دوكلاتلارنى تەييارلايمىز. تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغىمۇ بۇ دوكلاتلارنى بېرىۋاتىمىز. بىز تۈركىيەدىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر بالىلىرىغا قويۇشقا بولمايدىغان ئىسىملار تىزىملىكى» دەيدىغان ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بولغاندەكلا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
بۇ خەۋەر «ankahaber.com.tr », «ئاكت گېزىتى»، «ھۆرىيەت گېزىتى»، «ئۇيغۇرنەت» ۋە «گۆكبايراق» قاتارلىق گېزىت ۋە تور گېزىتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بالىلىرىغا قانداق ئىسىم قويۇش -قويماسلىقنىمۇ بەلگىلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى يېزىلدى.