تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى رىزە شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

24-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان رىزە شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان.

بۇ يىغىن تۈركىيەدىكى زىيالىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

2 سائەت داۋاملاشقان يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «تۈرك ئوجاقلىرى» رىزە شەھەرلىك شۆبىسى مەسئۇلى تۇران ئارسلان مەرجان ئەپەندى قىلغان بولۇپ، يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى ھامۇت گۆكتۈرككە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىننىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.