28-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان خاتاي ۋىلايىتىدىكى مۇستافا كەمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان قان يېشى تۆكمەكتە» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.
ئاتاتۈرك يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى.
مۇستافا كەمال ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا خاتاي شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. «شەرقىي تۈركىستان قان يېشى تۆكمەكتە» ناملىق يىغىنغا خاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى تېلېۋىزىيە، رادىئو، گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلاتىنى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكلات بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن رەسمىي باشلىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
«شەرقىي تۈركىستان قان يېشى تۆكمەكتە» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان خاتاي ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنى بولۇپ، 28-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەدە دۆلەت بايرىمى تەتىل كۈنى بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ قاتناشتى.
بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت سەردار يىگىت ئەپەندى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى، مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى چاقىرغان ئىدۇق. كۈتكەن مەقسىتىمىزگە يەتتۇق، چۈنكى تەتىل بولسىمۇ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.
