مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسىنىڭ 16 يىلدىن كېيىن جەم بولۇشى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.11.05

تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن مەتبۇئاتلىرى مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسىنىڭ 16 يىللىق جۇدالىق ۋە ھەسرەتلىك ھايات ھېكايىسىنى باش تېما قىلىپ ئۇچۇر تارقاتتى.

كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتا بولسا ھېچ قانداق جىنايىتى بولمىسىمۇ خىتاينىڭ پاسپورت ئىشلەپ بەرمەستىن 16 يىل بىر ئائىلىنى ئايرىۋەتكەنلىكى بولۇپ، بۇنىڭدىن تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتتى.

«بۈگۈن» گېزىتىدە، «بىر شېئىر سەۋەبىدىن 16 يىللىق ھەسرەت ئاخىرلاشتى» ، «تۈركىيە گېزىتى»دە، «باش مىنىستىرنىڭ يول مېڭىشى بىلەن 16 يىللىق ھەسرەت ئاخىرلاشتى»، «ئاخشام» ۋە «ساباھ» گېزىتلىرىدە، «ئەردۇغان ھەرىكەت قىلدى، ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇچراشتى»، دېگەن تېمىلاردا ئۇچۇرلار تارقىتىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە «تەقۋىم» گېزىتىدە، «ئەردۇغان 5 ياشلىق مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەھبۇسقا ئوخشاش ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنى تۈركىيەگە ئەكەلدى»، «زامان» گېزىتىدە، «بىر شېئىر 16 يىللىق ھەسرەتنى ئاخىرلاشتۇردى»، «قاراگېزىت» ناملىق گېزىتتە «مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ باش مىنىستىرنى سۆيۈشى ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئەكېلىشكە سەۋەبچى بولدى»، دېگەن تېمىلاردا ئۇچۇرلار تارقىتىلدى.

«تەقۋىم» گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:
5 ياشلىق مۇجاھىد قەشقەرلى، چاناققەلئەدە شېئىر ئوقۇدى ۋە باش مىنىستىر ئەردوغانغا بىر مەكتۇپ بەردى، ئەردۇغان مەكتۇپنى ئوقۇدى ۋە مۇجاھىدنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خۇددى مەھبۇسقا ئوخشاش ياشاۋاتقان ئاكىسى ۋە ھەدىسىنى تۈركىيەگە ئەكەلدى.

ئەڭ دەسلەپتە تۈركىيە ت ر ت خەۋەر تېلېۋىزىيە قانىلى مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، كېيىن «مقانال 24» دېگەنگە ئوخشاش تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ بۇ ئائىلىنى زىيارەت قىلدى.

بۇ ھەپتە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ گېزىتلەردە ئاساسلىقى، ھەر خىل بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن مىركامىل قەشقەرلى بۇنىڭدىن 16 يىل بۇرۇن يۇرتى قەشقەرنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە پاسپورت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن 3 ياشلىق ئوغلى سالاھىددىن ۋە 1 ئايلىق قىزى شارافەتنى قويۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، نەچچە ئون يىل يول مېڭىپ پەرزەنتلىرىنى تۈركىيەگە ئەكېلىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىسىز قالغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانغا پەرزەنتلىرىنى ئەكېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغانلىقى، باش مىنىستىر ئەردوغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى دىپلوماتلىرىنى ئىشقا سېلىپ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇ ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ خەۋەرلەردە يەنە تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ بالىلارنى 2013-يىلى، 11-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەگە ساق-سالامەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ، ئاتا-ئانىسى تۈركىيە پۇقراسى بولغان 16 ياشلىق شارافەت ۋە 19 ياشلىق سالاھىددىن 16 يىلدىن بۇيان ئايرىلىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقى، 16 يىللىق ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى سېغىنىش پىراقى، جۇدالىق ئەلەملىرى ھەسرەتلىك كۈنلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، 5 پەرزەنتى بىلەن جەم بولغان مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسى خۇشاللىققا چۆمگەنلىكى تەسىرلىك ئۇسۇلدا ھېكايە قىلىنغان.

بۇ خەۋەر «ئاخشام» گېزىتى ۋە «تۈركىيە» گېزىتىنىڭ تور بەتلىرىدە 54 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەرىپىدىن، «بۈگۈن» گېزىتىدە 141 مىڭ 894 كىشى تەرىپىدىن تاللانغان.

مىركامىل قەشقەرلى 2013-يىلى 4-نويابىر دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ «24 تېلېۋىزىيە» قانىلىنىڭ پروگراممىسىغا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قاتناشتى، بۇ پروگرامما نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان بولۇپ، مۇجاھىد قەشقەرلى «بىز كىملەر؟»، «زۇلۇمنى ئالقىشلىيالمايمەن» دېگەن شېئىرلارنى ئوقۇدى. مىركامىل قەشقەرلى رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلىرىنى 16 يىللىق ھەسرەت ۋە جۇدالىقتا ئۆتكەن ھاياتىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئۆزىگە ئوخشاش پەرزەنتلىرىدىن ۋە ئاتا-ئانىلىرىدىن 10 ياكى 20 يىلدىن بۇيان ئايرىلىپ چەتئەللەردە سېغىنىش ھەم ھەسرەت بىلەن ئۆتۈۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بارلىقىنى، خىتاي ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا پەرزەنتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنى كۆرەلمەي ھەسرەتتە ئۆتۈۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغاننى ئاز دەپ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت قىلىشىنى، تېلېفوندا بولسىمۇ سۆزلىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى يوقلۇقى، ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىش شەرتلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، بىر ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە توققۇز مىڭ دوللار ئەتراپىدا نەق پۇل كاپالەتكە قويىدىغانلىقىنى ۋە تۆت دۆلەت كادىرى يەنە كاپالەت بولمىسا چەتئەلگە چىقالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقەرلىنىڭ پەرزەنتى سالاھىددىن رىياسەتچىنىڭ ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسىز؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن 16 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى ، ئاتا-ئانا بىلەن جەم بولۇپ ياشىغاندىن كېيىن بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئەسلى ھاياتنىڭ ئاتا-ئانا بىلەن بىرگە ئۆتكەندە ئاندىن بەختلىك ۋە خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

«خەۋەر7» بۇ ھەقتە «بىر شېئىر 16 يىللىق ھەسرەتنى ئاخىرلاشتۇردى» دېگەن تېمىدا ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، بۇ ئۇچۇر 26 مىڭ 350 قېتىم ئوقۇلدى ۋە 7 كىشى پىكىر-ئىنكاس يازدى. پىكىر ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە ھاياتى يىلماز دېگەن كىشى، «ئىچ-ئىچىمدىن يىغلىدىم، بەك ئەقىللىق بالا ئىكەن ماشائاللاھ، باش مىنىستىرمۇ كېرەك بولغاننى ئورۇنلاپتۇ، مانا پۇقرا دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ، باش مىنىستىر دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ، ئاللاھ ھەر ئىككىسىدىن رازى بولسۇن»، دېگەن.

ئەفە ئەدنان دېگەن كىشى مۇنداق پىكىر بايان قىلغان: ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقتا ھەر تۈرلۈك زۇلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ تۈرك سۈپىتىدە ياشاشتا چىڭ تۇرغانلارغا بارىكاللا، ئەگەر ھۆكۈمەت خىتاي ئاسارىتى ئاستىدىكى تۈركلەرنى تۈركىيەنىڭ شەرق تەرىپىگە گۇرۇپ-گۇرۇپ ھالدا يۆتكەپ يەرلەشتۈرىدىغان بولسا 100 يىللىق بىر يېڭىلىق ياراتقان بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلسا دۇنيادىكى تۈرك ۋەتەنداشلار زۇلۇمدىن قۇتۇلىدۇ.

فاتىھ ئاكىف ئىسىملىك كىشى مۇنداق يازغان: كۆز ياشلار ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم، نەچچە يىل جان-جىگەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ، مەزلۇملارنىڭ دۇئالىرى باش مىنىستىرغا يار-يۆلەك بولدى، باش مىنىستىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغان مەزلۇملارنىڭ دۇئاسىدۇر. ئى ئاللاھ باش مىنىستىرغا سالامەتلىك، كۈچ قۇۋۋەت بەرگىن، مۇۋازىنەتلىك قىلغىن، باش مىنىستىر، مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسىنىڭ جۇدالىق ھەسرىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋاسىتە بولدۇڭ، ئاللاھمۇ سېنىڭ قىيىنچىلىقلىرىڭنى ھەل قىلسۇن، ئىنشائاللا.

29-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئايرىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولغانلىقىنى كۆرگەن باش مىنىستىر ئەردوغان، بۇ ئائىلىنىڭ جەم بولۇشىغا ئۆزىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى يوشۇرالماي تەبەسسۇم ئىچىدە ئۇلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.