تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان بەزى ئوبزورلاردا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا باش پاناھ بولۇشقا چاقىرىلغان بولسا، بەزى ئوبزورلاردا تۈرك خەلقىگە خىتاب قىلىنىپ، بۈگۈنكى دۇنيادا ئاددىي سوھۇرلۇقنىمۇ ئارامخۇدا يېيەلمەيدىغان بىر خەلق بارلىقى، ئۇلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن جايدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاھۇزارىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بىر كۈندە تۈرك تاراتقۇلىرىدا ئىككى چوڭ ئوبزور ئېلان قىلىندى. تونۇلغان ئوبزورچى سەردار ئاقىناننىڭ «شەرقىي تۈركىستان قەيەرگە توغرا كېلىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزورى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «ئاخشام مېدىئا» ناملىق تور گېزىتىدە، تونۇلغان سىياسەتشۇناس پروفېسسور دوكتور ۋەدات بىلگىن يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا سوھۇر ۋاقتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى «ئاخشام» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.
سەردار ئاقىنان ئوبزورىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، مانجۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن قەشقەردە قەشقەرىيە دۆلىتى، 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئاخىرىدا يوق قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ئوبزورىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلار بىر ھەقىقەت» ناملىق كىچىك تېما ئاستىدا 1949 - يىلىدىن 2009 - يىلى 5 - ئىيۇلغىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ، بەزى تۈركلەر ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۈرەككە چۈشكەن ئوت ئىكەنلىكىنى ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ تېخىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قايسى تەرەپكە توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ، ئو ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشكە چاقىرغان.
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئاخشام گېزىتىنىڭ تور گېزىتىدە تونۇلغان سىياسەتشۇناس، تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋەدات بىلگىن ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا زولۇق ۋاقتى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.
ئۇ، ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ: دېرىزىلەرنىڭ پەردىلىرىنى چىڭ ئېتىۋېتىپ قاراڭغۇدا، شام يورۇقىدا سوھۇرلۇق يېيىلگەن ئۆيلەردە، سىرتتىن بىلىنىپ قالماي ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلار قايسى ئەسىردە قەيەردە ياشىماقتا؟ روزى تۇتۇشىنى توسۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ كادىرلىرى زورلاپ تاماق يېگۈزۈۋاتقان كىشىلەر قەيەرلەردە ياشىماقتا؟ ھەجىگە بېرىشى چەكلەنگەن، تۈركىيەگە كېلىپ يۇرتلىرىغا قايتقىنىدا سوراققا تارتىلغان، پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنغان ھەتتا تۇتۇپ كېتىلگەن ھەتتا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان كىشىلەر كىملەر؟ تۈرك دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا روزى ئېيى قېيىن ۋەزىيەتتە ئۆتمەكتە. ئىراقتا تۈركمەنلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، تاتارلارنىڭ ئانا ۋەتىنى قىرىم قايتىدىن رۇسلارنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىدى. بۇ تاتارلارنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ جايلاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندۇر.
تونۇلغان سىياسەتشۇناس پروفېسسور دوكتور ۋەدات بىلگىن ئەپەندى ئوبزورىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: شەرقىي تۈركىستان تۇنجى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. ئۆتمۈشتە تۇرپاندا پارلاق مەدەنىيەتلەر يارىتىلغان، سۇ ئىنشائاتى، شەھەرچىلىك، تىجارەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەدەبىيات جەھەتلەردە رىقابەتلەشكەن. غەربلىكلەر تۇرپاندا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلار تۇرپان دۆلىتى مەزگىلىدە شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى بىلەن تۈركىستان كۈلتۈر، مەدەنىيەت، بىلىم ۋە تەپەككۇر مەركىزىگە ئايلاندى. يېزا ئىگىلىك ۋە تىجارەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاسترونومىيە، پەلسەپە، سەھىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىدە مۇھىم ئالىملار يېتىشكەن.
ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئەقەللىي دىنىي ئەركىنلىككىمۇ ئىگە بولالمىغان ۋەزىيەتتە ياشىماقتا.
ئۇ، ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلىنىۋاتقان خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
0:00 / 0:00