تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» ناملىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۆتىنچى مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» ناملىق ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زۇلۇملىرىغا قارشى نارازىلىقى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قوشماق تۇغقان» بولۇش سىياسىتى چىقىرىپ، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى مەجبۇرىي ھالدا تۇغقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى سولىشى ۋە پۈتكۈل رايون تەۋەسىدە «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن تەركىب تاپقان يۈزلەرچە كىشى ئەيۇپ سۇلتان جامەسى ئالدىغا توپلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. بۇ نامايىشنى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» بىلەن «ئالپئەرەن ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. نامايىش مەيدانىغا «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ» دېگەن چوڭ ھەجىملىك ۋىۋىسكا -تاختايلار ئېسىلدى.

«ئالپەرئەن ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» تەرىپىدىن نامايىش مەيدانغا ئېسىلغان چوڭ ھەجىمدىكى ۋىۋىسكا-تاختايلارغا «زۇلۇم، بېسىم، ئايرىمىچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىك بولمىغان ئەركىن شەرقىي تۈركىستاننى ئىستەيمىز»، «قىزىل خىتاينىڭ ئاتالمىش قوشماق تۇغقاندارچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز»، «شەرقىي تۈركىستان دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يەردۇر»، «خىتاي دائىرىلىرى قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇۋاتىدۇ» قاتارلىق شوئارلار يېزىلغان ئىدى.

نامايىش جەريانىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەر-ئاياللاردىن يۈزلىگەن كىشى قوللىرىدا تۈركىيەنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق ئال بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلاشتى.
نامايىشتا ئالدى بىلەن «ئالپئەرەن ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۇرشاد مىجان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى مەجبۇرىي ھالدا «تۇغقانلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ، ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت جەريانىدا يەنە «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ۋاكالىتەن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىيىن تارىخىي سىناقتا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىللىي بىرلىكنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى ۋە مەركىزى قەيسەرىگە جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ باياناتچىسى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك رېئاللىق توغرىسىدا سۆز قىلدى.

نامايىش جەريانىدا يەنە «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مۇھەممەد ئىمىن ۋە ئادىل ئىشان ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پىكىر بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت