تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە ئالانيا شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.01.07
Turkiyede-uyghur-toghrisida-paaliyet.jpg

ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئالانيادا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 4-يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Turkiyede-uyghur-toghrisida-paaliyet-1.jpg

ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئالانيادا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 4-يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Turkiyede-uyghur-toghrisida-paaliyet-2.jpg

ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئالانيادا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 4-يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Turkiyede-uyghur-toghrisida-paaliyet-3.jpg

ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئالانيادا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 4-يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Turkiyede-uyghur-toghrisida-paaliyet-4.jpg

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Turkiyede-uyghur-toghrisida-paaliyet-5.jpg

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

3-چېسلا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش، 4-چېسلا بولسا تۈركىيەنىڭ ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئالانيا شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بىر گۇرۇپپا تۈرك ياشلىرى قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، تۈرك بايرىقى ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپى ياشلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق پارتىيە ۋە تەشكىلاتقا ئەزا ئەمەس، ياشلار ئىكەنلىكىنى، پەقەتلا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىلىكى ئالدىغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئالدى بىلەن نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىلى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى:
«قىممەتلىك تۈرك مىللىتى، ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا تايلاندقا ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن بىز ھېچقانداق ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان ئاۋام خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يەرگە جەم بولدۇق.»

نامايىشچىلارنىڭ باياناتچىسى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيەگە، دۇنيادىكى تەسىرلىك تەشكىلات ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىمىزكى، دۇنيانىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى توختاتسۇن. ئاغزىڭلاردىن چۈشۈرمەي دەپ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىگۇناھ بىر مىللەت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا قاراپ تۇرۇشۇڭلار بەكلا كۈلكىلىك ۋە ئىككى يۈزلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەر دائىم بىچارە ئېزىلگەن مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئاچقان دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.»

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، تۈرك بايرىقى ۋە ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان 90 ئەتراپىدا نامايىشچى «ھۆكۈمەت ئۇخلىما ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىق»دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا ئايرىلدى.

1-ئاينىڭ 4-كۈنى يەكشەنبە كۈنى كەچتە تۈركىيەنىڭ ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئالانيادا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسى بولغان ئالپەرەن ئوجاقلىرى ئۇيۇشتۇرغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكلات بەردى. ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئالانياداكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىدىن بولۇپ، 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالانيا رايونىدا تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزىيەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. دوكلاتتا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.