تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە 1 مىليون ئىنسان ئاۋاز قوشقان
2015.01.19
تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە 1 مىليون كىشى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قول قويغان.
دېموكراتىيە بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەردە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم يوللاردىن بىرى ئىمزا يىغىش. بۇ خىل دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلار كوچىلاردا خەلقنىڭ رايىنى ئېلىپ، قول قويدۇرغان قەغەزلەرنى پارلامېنتلارغا تاپشۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىدۇ. بۇلاردىن بىرى، تايلاندتىكى 366 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى جامائەت پىكرى توپلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتىكى 366 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئەكېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمزا يىغىش دولقۇنى قوزغىغان ئىدى. 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قوللاش شۇنداقلا تايلاندتىكى 366 ئۇيغۇر قېرىنداشنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى باشلاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ 60 ئەتراپىدا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ھەسەن قۇمقالە ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، تۈركىيەنىڭ 60 ئەتراپىدا يېرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە 1 مىليون ئىمزا يىغىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىتىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاش دولقۇنى جەريانىدا 3 ھەپتە ئىچىدە 1 مىليون ئىمزا يىغدۇق. بىز يىغقان بىر مىليون ئەتراپىدىكى ئىمزا تار مەنىدە دېگەن ۋاقتىمىزدا، تايلاندتىكى 366 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، كەڭ مەنىدە ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. بىزنىڭ ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى شۆبىلىرى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ 1 مىليون كىشىگە قول قويدۇردى. ئىككى كۈن بۇرۇن رەئىسىمىز ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى قول قويۇش پائالىيىتىمىزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. رەئىسىمىز باياناتىدا تۈرك خەلقىنىڭ، ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. مەنچە بۇ، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق بۇنداق بىر چوڭ پائالىيەت، بۇ پائالىيىتىمىز غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.»
ھەسەن قۇمقالە ئەپەندى، 1 مىليون كىشى قول قويغان بۇ دەپتەرلەرنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمدى بۇ يىغقان 1 مىليون ئەتراپىدىكى ئىمزانى بىر سوئال خېتى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇشنى ئويلاۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق 366 ئۇيغۇرنى بالدۇرراق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشنى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۈچەيتىشنى ئويلاۋاتىمىز. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزنىڭ مىللىي دەۋايىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى شەرت، چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز.»
ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تۈرك دۇنياسى باشقارمىسى مەسئۇلى ھەسەن قۇمقالە ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تايلاندتىكى 366 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى جىددىي بولغاچقا، بۇنداق بىر قول قويۇش پائالىيىتى باشلاتقان ئىدۇق. ئەمما رەئىسىمىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك، بىز پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. ئىشغالچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن بېسىم سىياسەتلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش بىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى ھەر دائىم نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. تەشكىلاتىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پۈتۈن تۈركىيەنى قوزغىيالايدىغان كۈچكە ئىگە. 21-ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلماي، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلىنى، دىنىنى چەكلەۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبىلىرى بار ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قول قويۇش پائالىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق كەڭ-كۆلەملىك بىر پائالىيەت. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دېموكراتىيە بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.