ئوبزورچى يۈجەل تاناي: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش مېنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچۇم»

0:00 / 0:00

كېيىنكى يىللاردا بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

بولۇپمۇ بەزى ئوبزورچىلار ھەر ھەپتە دېگۈدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوبزور ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلماقتا. بۇ يازغۇچىلاردىن بىرى يۈجەل تاناي ئەپەندىدۇر. ئۇ، يېقىندا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ۋاز كەچمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەب يەر ئاستى بايلىقلىرىدۇر» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كەڭ-كۆلەمدە تارقىتىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇرنېت تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىنى، كۆمۈر ئېھتىياجىنىڭ 40% نى ئۇيغۇر دىيارىدىن قامداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يۈجەل تاناي ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان ئىشىكى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن خىتاي ئىشلىتىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ 27% ئى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تۇرۇبىلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق خىتايغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

بىز يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇنى، ماقالىلەرگە كېلىۋاتقان ئىنكاسلار ۋە يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يازغۇچى يۈجەل تاناي ئەپەندى، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۈجەل تاناي ئەپەندى كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كۆپ ساندا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «مەن ياشلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما ھازىرغىچە قانچىلىك ماقالە يازغانلىقىمنى ساناپ باقمىدىم. ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمگە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ياخشى ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى خىتايپەرەسلەردىن بەزى تەنقىدلەرمۇ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەن بۇلارغا كېرەكلىك جاۋابنى قايتۇرۇۋاتىمەن. ماقالىلىرىم 5 تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ تارقىتىلىۋاتىدۇ.»

ئوبزورچى يۈجەل تاناي ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، بۇ خىزمەتنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن جامائەت پىكرى توپلىماقچى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتاي دەيمەن. مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قايسى پارتىيەلىك كىشى بولسا بولسۇن، ھەممىسىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە داۋاملىق كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. بۇ بىزنى قاتتىق سۆيۈندۈرمەكتە. بۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشىمىز كېرەك.»

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتقانلىقىنى، ماقالىلىرىدە ئادەتتە ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ماقالىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە يېزىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر ماقالىلەرنىڭ رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇرۇن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئوڭچى مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىناتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۈركىيەنىڭ ھەر خىل سىياسىي كۆز قاراشتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئورۇن بېرىلىشكە باشلىدى.

يۈجەل تاناي ئەپەندى 1968-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان رىزە ۋىلايەتىنىڭ پازارجىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىنگلىزچە، نېمىسچە ۋە ئۆزبېكچە بىلىدىكەن. ئۇ، مۇستەقىل ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئۆنجە ۋەتەن گېزىتى»، «يېڭى چاغرى گېزىتى» ۋە «ئۈلكۈجۈ تاۋىر»، «ئۇيغۇرنېت»، «رادىكال» تور گېزىتلىرىدە ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنماقتا.