تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان ئايدىن ۋىلايىتىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە تۈركىيەدىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئايدىن ۋىلايەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ مەسئۇلى مۈجاھىت چالىشقان ئەپەندى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئايدىن ۋىلايىتىدىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئايدىن ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قوللاپ تەييارلىغان باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچىمەن. شەرقىي تۈركىستاندا كۆمۈر، ئالتۇن، ئۇران، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرى مەۋجۇتتۇر. شۇڭا بۇ رايون خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېكسپىلاتاتسىيە سىياسىتىگە خەلقنىڭ تاقىتى قالمىغان، خەلقنى جىنىدىن تويدۇرغان ۋەقە 2014-يىلىنىڭ مۇبارەك رامزان ئېيىدا مەيدانغا كەلدى. رامزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشى چەكلەنگەن، ھېيتنىڭ 1-كۈنى يەكەندە خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ھېيت نامىزى قىلغىلى قويمىغان. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقارغان. بىز ئايدىن ۋىلايەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەدىكى بولۇپمۇ ۋىلايىتىمىزدىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئۇ ئاخبارات باياناتىدا تۈركىيە باشچىلىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توسۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە، پەلەستىندە، ئافغانىستاندا، ئىراقتا ۋە ئارىقاندا مىڭلىغان، ھەتتا يۈز مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىتا كارى بولمىغان، فىرانسىيەدە 17 ئادەم ئۆلگەندە مەيدانغا چۈشكەن مەدەنىي دۇنيانى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز. بولۇپمۇ تۈركىيەنى، ئىسلام كونفىرانسى تەشكىلاتىنى ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك پۈتۈن دۆلەتلەرنى خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توسۇشقا چاقىرىمىز.»

ئايدىن ۋىلايەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى مەسئۇلى مۈجاھىت چالىشقان ئەپەندى تۈركىيە شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقسا ئابرۇيىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىندىكىدەك شەرقىي تۈركىستاندىمۇ مەزلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىسا، دۇنيادىكى ئابرۇيى تېخىمۇ ئۆسىدۇ. ھازىر تۈركىيەنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش زامانى كەلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.»

بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان ئايدىن ۋىلايىتىدىكى 15 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، بىرمۇ ئۇيغۇر يوق بۇ رايونلاردا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.