قەھرىمانماراش خەلقى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-03-02
Share
qehrimanmarash-shehri-yighin.jpg قەھرىمانماراش شەھىرىدە ئېچىلغان «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 27-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

27-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان قەھرىمانماراش ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى قەھرىمانماراش شەھىرىدە «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.

قەھرىمانماراشتىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئاكتىپ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان مەردان ئەخلاق كۈلتۈر ۋە مۇھىت جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا د ئۇق مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا مەردان ئەخلاق كۈلتۈر ۋە مۇھىت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات تىمۇر بوراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ، نۇتقىدا دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى پارلاق بىر كېلەچەككە بۇراش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا تەھلىل ئېلىپ بېرىپ توغرا چۈشىنىپ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، قەھرىمانماراش خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان تراگېدىيەسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ، بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان دوكلاتىدا، ئۆز تەقدىرىگە تاشلىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىندىن بېرى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا كېيىنكى ئايلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەقىلگە سىغمايدىغان دىننى چەكلەش سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن كۈتكەن 8 ماددىلىق تەلىپى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تەلەپلەرنى مۇنداق ئىخچاملىدى.

  1. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈرك ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئىش بېجىرىش ئورنى ئاچسۇن.
  2. تۈركىيە خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتسۇن.
  3. تۈركىيە بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەت كۈچەيتىلسۇن.
  4. تۈركىيەگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن ۋىزا تەلەپ قىلىنمىسۇن.
  5. شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوتتۇرىسىدا ئىش بىرلىكى مۇناسىۋىتى ئورنىتىلسۇن.
  6. تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە ئايروپىلان قاتناشنى يولغا قويسۇن.
  7. تۈركىيە دۆلىتى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بەرسۇن.
  8. تۈرك خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئۈرۈمچىدە ئىشخانا ئاچسۇن.

27-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قەھرىمانماراش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قەھرىمانماراش ۋىلايىتىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى شۆبىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزا نامزاتلىرى، سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. دوكلات بېرىش يىغىنى، سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروفېسسور دۇرمۇش دەۋەجى ئەپەندىنىڭ سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە سوغات بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت