تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل 26-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن قەيسەرى ئەركىلەت ئايرودرومىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنى قوبۇل قىلىپ، مالايشىيا ئارقىلىق قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن.

15 مىنۇت داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىشتا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە قەيسەرىگە 800 ئەتراپىدا مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارغا قەيسەرى ۋالىي مەھكىمىسى، قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداقلا قەيسەرى خەلقىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ھازىر ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قىيىنچىلىقىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتقان. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ زۇلۇمىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ۋە دىنىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تۈركىيەنىڭ بۇ توغرىلىق خىتاي دۆلىتى بىلەن سۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن دۆلەت ۋە خەلق ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ئوخشاش قېرىنداش مىللەت. بىزمۇ بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن شۇ زېمىندىن كەلگەن، شۇڭا تۈرك دۆلىتى، تۈرك خەلقى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»

ئابدۇللاھ گۈل 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇ، بۇ جەرياندا 2009-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە بېرىپ ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى. 2014-يىلى قۇربان ھېيتىدا ئۇيغۇر شېھىتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئالىي رەھبەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.