د ئۇ ق تۈركىيە پارلامېنتىغا ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى سۇندى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى ئۆمەر سەردار ئەپەندى بىلەن پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان 25 بەتلىك دوكلاتنى سۇندى. دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي چەكلىمىلەر، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ساياھەت ئەركىنلىكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاش، تەربىيەلەش مەركىزى نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا يىغىۋېلىش سىياسىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 8 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىكتە قۇرغان شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن ئاسىيە قاراقاش خانىممۇ ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر ئۇچرىشىشتا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كۈتكەنلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇچرىشىش ئاخىرىدا ئۆمەر سەردار مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلار بىر تراگېدىيەدۇر. خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا بۇ ھەقتە داۋاملىق چاقىرىق قىلىۋاتقان، ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتلىرىمىزدا بۇ مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىۋاتقان بولساقمۇ، تەسىرلىك بولمايۋاتىدۇ. مەزكۇر مەسىلە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مەسىلە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دىنى ۋە مىللىي كەمسىتىشكە دۇچار بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى بۇ خىل بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى يوق قىلىپ، ئەركىن ياشىغىلى بولىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك».

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى ئۆمەر سەردار ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلىرىمىزنى تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلەت رەئىسى سەۋىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويدۇق. بەزى ۋاقىتلاردا بىزنى قوللىغان دۆلەتلەر چىقتى، بەزى ۋاقىتلاردا يالغۇز قالدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھازىر جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. ئۇ، يەردە ھازىر ئاسسىمىلياتسىيەدىن بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا ئوخشاش پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇقلىرى قوللىرىدىن ئېلىۋېلىنىپتۇ، بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسىلىگە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلمەكچىمىز».

ئاخىرىدا ئۇچرىشىش توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە ئۇزاتتۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھوقۇقلىرى كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر سەردار ئەپەندى بىلەن 16-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭمۇ ئۇچرىشىشقا قاتنىشىپ، خاتىرىلەپ ماڭغانلىقىنى، ئۆمەر سەردار ئەپەندىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاسىيە قاراقاش خانىم ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى ئۆمەر سەردار ئەپەندىگە نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ، دېموكراتىيەلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا سۇنۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان دوكلاتنىڭ قانداق تەسىرى بولار؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كۈچلۈك تەسىرى بولمىسىمۇ، ئاز بولسىمۇ تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇندىن كېيىنمۇ تۈرك ھۆكۈمىتىگە بۇ خىل دوكلاتلارنى ئىزچىل ھالدا بېرىش ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى 2014-2015-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ خىتاي ئەلچىلىكىگە خەت يازغان ئىدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي تەرەپ تېخى جاۋاب قايتۇرمىغان.